ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

زۇلۇمغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاندى

زۇلۇمغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلاندى
بۈگۈن 27-ئاۋغۇست تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، زۇلۇمغا قارشى ئىمزا توپلاش پائالىيىتى باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار بايان قىلىندى:
ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار! ۋەتىنىمىزدىكى زۇلۇمنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمنى خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش خىزمەتلىرى تېخىمۇ جانلىق بولۇشى ئۈچۈن خىزمەتنى ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن داۋام قىلىۋاتىمىز. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاۋىسىترالىيە پارلامېنتىغا سۇنۇلىدىغان ئەرزنامىلەرنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەش شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتى ۋە تۈركىيىدىكى بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى ئىشخانىسىغا ئەرزنامىلەرنى سۇنۇش ئۈچۈن، ئىمزا توپلاش خىزمىتى يولغا قويۇلدى. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ كىشىلىك مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشەنچىلىك ۋە بىخەتەر بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، «شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى» رەھبەرلىكى، « ئۇيغۇر مېدىيا تەشۋىقات مەزكىزى» ۋە «نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئيىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىمزا توپلاش خىزمەت گورۇپپىسى قۇرۇلدى. بۇ خىزمەت گورۇپپىسى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىمزا قويۇش ۋە شىكايەتلىرى ھەققىدە ئالاھىدە خىزمەت قىلىدۇ. قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېقىندىن ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ