ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

زىېيتىبۇرنۇدا نۇزۇگۇم تاتلىق تۈرۈم ۋە چاي تائاملىرى دۇكىنى ئېچىلدى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-03 18:49:36 جەمئى 3332 قېتىم ئوقۇلغان.

زىېيتىبۇرنۇدا نۇزۇگۇم تاتلىق تۈرۈم ۋە چاي تائاملىرى دۇكىنى ئېچىلدى.

زىېيتىبۇرنۇدا نۇزۇگۇم تاتلىق تۈرۈم ۋە چاي تائاملىرى دۇكىنى ئېچىلدى.
3- ئاۋغۇست ئستانبۇلنىڭ زېيتىنبۇرنۇ نۇرى پاشا مەھەللىشى 61- كوچا 7 A نومۇر « نۇزۇگۇم تاتلىق تۈرۈم ۋە چايلىرى» دۇكىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئېچىلىش مۇراسىمىغا بىر بۆلۈڭ ئۇيغۇر خانىم- قىزلىرى قاتناشتى. مۇراسىمغا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم رىياسەتچىلىك قىلدى.
چاي دۇكىنى ئاساسەن قىلغان كىرىمنىڭ بىر قىسمىنى ئىگە- چاقىسىز يېتىملارغا كېپىل بولۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشتىن ئىبارەت ياخشى نىيەت بىلەن ئېچىلدى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:
نۇزۇگۇم تاتلىق تۈرۈم ۋە چاي تائاملىرى دۇكىنى خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش قىلىش، ئاياللارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەقسىتى بىلەن ئۇيغۇرلار ياشايدىغان رايونلاردا ئاياللارغا خاس تاتلىق-تۈرۈم دۇكىنىنىڭ بولماسلىقىدىن ئىبارەت بوشلۇقنى تولدۇرۇش ھەمدە كەڭ ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ئېچىلدى.
بۇ دۇكاننى ئېچىشتىكى يەنە بىر مەقسىتىمىز بولسا دۇكاندىن كىرگەن كىرىمنىڭ بىر قىسمى بىلەن يېتىم پەرزەنتلىرىمىزنى يۆلەش.
چايخانىمىزدا ئۇيغۇرلار ياخشى كۆرۈپ يەيدىغان 50 نەچچە خىل تاتلىق – تۈرۈم ۋە 10 نەچچە خىل چاي تۈرلىرى بىلەن مۇلازىمەت قىلىنىدۇ.
كەڭ قېرىنداشلىرىمىزدىن ياخشى ئارزۇ- ئىستەكلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى يېقىندىن قوللاپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ