<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

زاكىر نايىكنى ھىمايە قىلىش ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-09 12:40:08 جەمئى 1048 قېتىم ئوقۇلغان.

زاكىر نايىكنى ھىمايە قىلىش ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ

زاكىر نايىكنى ھىمايە قىلىش ئۇيغۇرلارنى ھىمايە قىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ
8- ئىيۇل خەلقئارا ئىقتساد ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ مەشھۇر دەۋەتچى زاكىر نايىكنى ھىمايە قىلىشى مالايسىيادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىمايە قىلىنىشتىن دېرەك بېرىدىكەن.
خەۋەردە مالايسىيا باش مىنىستىرى ھاتىر مۇھەممەد ھىندىستان ھۆكۈمىتى تېررولۇق، پۇل يۇيۇش تۆھمەتلىرى بىلەن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، ھازىر مالايسىيادا پاناھلىنىۋاتقان ھىندىستانلىق مەشھۇر دەۋەتچى زاكىر نايىك بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ھەمدە مالايسىيا ھۆكۈمەت ئىستراتېگىيە مۇتەخەسىسلىرى بىلەن مۇزاكىرە ئېلپ بېرپ مۇسۇلمان دەۋەتچى زاكىر نايىكنى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە قارار قىلغان. مالايسىيا بىخەتەرلىك ئىدارىسىمۇ ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۇر قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مالايسىيا باش مىنىستىرى ماھاتىر مۇھەممەد بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دېگەن:« زاكىر نايىك مالايسىيادا بىرەر مەسىلە پەيدا قىلمىسلا چېگرادىن چىقىرىلمايدۇ. ئۇ مالايسىيادا دائىم تۇرۇشقا روخسەت قىلندى»
خەۋەردە يەنە، ھازىر ھوقۇق ئۈستىدە تۇرۇۋاتقان مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ زاكىر نايىكنى ھىندىستانغا قوغلاپ چىقارماسلىققا قارار قىلىپ پاناھلىق بىرىشى نۆۋەتتە مالايسىيا ھۆكۈمىتى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرەلمەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ