ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

تالانتلىق رەسسام دىنا ئىگەمبەردى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان.

رەسسام لاگېرغا تۇتقۇن قىلىندى
3- يانۋار قازاق خەۋەرلەر تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، تالانتلىق رەسسام دىنا ئىگەمبەردى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان.
خەۋەردە، 25 ياشلىق قازاق قىزى دىنا ئىگەمبەردى بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئاتالمىش شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى سەنئەت فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئالدىنقى يىلى 4- ئايدا سەۋەبسىز لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ، ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۇنى نامەلۇم تۆھمەتلەر بىلەن ئۈچ يىل كەسكەنلىكى، دىنا ئىگەمبەردى لاگېردىكى قىيىن – قىستاق، خورلاشلار سەۋەبلىك ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
دىنا ئىگەمبەردى شەرقىي تۈركىستاننىڭ چۆچەكتىن بولۇپ خىتاي ھازىرغىچە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبىنى مەخپى تۇتقان. ئۇ نۇرغۇن قازاق خەلقىنىڭ كۆچمە چارۋىچىلىقى، يايلاقلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مىللى ئالاھىدىلىككە ئىگە رەسىملەرنى سىزغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ