ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىشىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-12-10 17:51:15 جەمئى 2374 قېتىم ئوقۇلغان.

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىشىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن

رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىشىشى تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئوڭايسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى. بىر قىسىم مۇتەخەسىسىلەرنىڭ قارىشىچە، پۇتىننىڭ تاشقى سىياسەتتىكى سوقۇشقاقلىقى ۋە تۇتۇرۇقسىزلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى رۇسىيە بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاش ئارقىلىق ئۆز مەنپەئەتىنى قۇربان قىلىشقا ئەرزىيدىغان ياكى ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئويلىنىشقا ئېلىپ بارىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ رۇسىيەدىن يىراقلىشىشى خىتايغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

رۇسىيە مەدەنىيەت مىنىستىرى مەدىنسكى يېقىندا دۆلەت ئىچىدىكى تاتارىستان، ئالتاي، ياقۇت، تۇۋا، باشكۇردىستان ۋە خاكاش قاتارلىق تۈركىي تىللىق رايونلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ مەركىزى ئىستانبۇلدا بولغان خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇغان. بۇ تەشكىلات ئىزچىل تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغان مىللەتەرنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ چىقىرىپ كەلگەن. سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن رۇسىيەنىڭ نۇرغۇن رايونلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق تۈركىي تىل سىستېمىسىغا تەۋە بولغان تۈركىيە بىلەن بولغان ئالاقىسى بارغانسىرى قويۇقلاشقان.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، موسكوۋانىڭ تۈركىيەگە قاراتقان تەشۋىقات ھۇجۇمى رۇسىيەنى بارلىق تۈركىي تىللىق مىللەتلەرنىڭ قارشىسىغا ئېلىپ كېلىدىكەن. رۇسىيە ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى مۇتەخەسىسى دوبۇنوفنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيەدىكى تۈركىي مىللەتلىك رايونلار موسكوۋا مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولىدىكەن. لېكىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلىك دۆلەتلەر بولغان قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبەكىستان ۋە قىرغىزىستانغا موسكۋانىڭ چامىسى يەتمەيدىكەن. بۇ دۆلەتلەر تۈركىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرىدىكەن. خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى يېقىندا تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى بەردى مۇھەممەدوفقا مۇكاپات تارقىتىپ بەرگەن.

قازاقىستانلىق سىياسى تەتقىقاتچى ساتايېفنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ دۈشمەنلىشىشى قازاقسىتان جەمئىيىتىدە بۆلۈنۈش پەيدا قىلغان. بىر قىسىم كىشلەر تۈركىيەنى قوللىسا، يەنە بىر قىسىم كىشىلەر رۇسىيەنى قوللىغان. لېكىن قازاقىستان ھۆكۈمىتى باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئوخشاشلا بىتەرەپ پوزىتسىيەسىنى ساقلىغان.

رۇسىيە سۈرىيەنى بومباردىمان قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن پەقەت قىرغىزىستانلا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رۇسىيەنىڭ كاسپىي دېڭىزىدا ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى بۇ رايوندىكى تۈركمەنىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجاننىڭ سەزگۈرلىكىنى قوزغىغان. رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە ئۇقتۇرۇش قىلمايلا كاسپىي دېڭىزدىن سۈرىيەگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى تېخىمۇ نارازلىق قوزغىغان.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا ياۋرۇ – ئاسىيا ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ خىتاينىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇشى ۋە ھەمكارلىشىشى بارغانسىرى كۆپ مۇزاكىرە تېمىسى بولماقتا. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە بىلەن ئارىلىق ساقلىشى خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا تېخىمۇ ئاكتىپ پائالىيەت قىلىشى ۋە تەسىر دائىرىسىن كېڭەيتىشىگە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.

لېكىن تېخىمۇ كۆپ سىرتقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىشىگە ئەگىشىپ خىتاي تېخىمۇ كۆپ خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئۆتكەن بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋە ھىندىستان باش مىنىستىرى مودى ئارقا – ئارقىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولدى. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن كۆپ تەرەپنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش كۆرىشىگە سېلىشى مۇمكىن.

دىلشات سۇلتان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ