ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رامىزان ئېيىدىكى تارىخىي ۋەقەلىكلەر
ئىنسانىيەتنىڭ تارىخ سەھىپىسىنى ئۆزگەرتكەن رامىزان ئېيىدا , قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولىشىنىڭ باشلىنىشىدەك , ھەلقىلغۇچ تارىخىي ۋەقەلىكلەر يۈز بەرگەن, رامىزاننىڭ شۇئارى كۈچ ۋە ئىشلەپ چىقرىش بولۇپ , ئاللىقانداقتۇر كىشلەر بىلجىرلىغاندەك , ھورۇنلۇق ,يا لەقۋالىق ئەمەس, مۇسۇلمان دېگەن , تۇرمۇش ئەمىيلىتىگە ماسلىشىشچان , ھەرقانداق شارائىتقا تىز سۈرئەتتەئۆزلىشىپ كىتىدۇ , ۋاقتلىق يىمەك- ئىچمەكنى ئىنتىزاملاشتۇرغانلىق , ئىرادىسىنى قىلچە بوشاشتۇرالمايدۇ , ھاياتلىقتىكى كۆرەش, ئاخىرەتلىك كۆرىشىكە توسالغۇ بولالمايدۇ , تۆۋەندىكى تارىخى ۋەقەلىك بىزگە بۇ ھەقىقەتنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ :1- بەدرى غازىتى :-بۇ -غازات ,ئىسلام تارىخىدىكى , ھەقنىڭ باتىل ئۈستىدىن, بىرىنچى قېتىملىق غەلبە قىلىشى بولۇپ , يەرشارىدا ئىنسانىيەتىنى ئىنساننىڭ قۇللىقدىن, يىگانە اﷲ نىڭ قۇلچىلىقىغا , زۇلمەتتتىن نۇرغا چىقىرىدىغان , ئۆزگىچە بىرئەۋلادنىڭ ۋۇجۇدقا كەلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان,تارىخ سەھىپىسىنى ئۆزگەرتكەن , ھەلقىلغۇچ ۋەقەلىكتۇر . بۇ ئالەمشۇمۇل ئەركىنلىك غازىتى ھىجرىيەنىڭ 2- يىلى رامىزاننڭ 17 - چىسلا , جۈمە كۈنىدە يۈزبەرگەن . اﷲ بۇ ھەقتە « اﷲ سىلەرگە بەدرى غازىتىدا غەلبە ئاتا قىلدى , ۋە ھالەنكى سىلەر , سان ۋە ھەربىي ھازىرلىقلار جەھەتتە ئاجىز ئىدىڭلار , اﷲ نىڭ سىلەرگە بەرگەن نۈسرىتىگە شۈكۈر قىلىش يۈزىسىدىن اﷲ دىن قورقۇڭلار »دەيدۇ . ئىبنى ئابباس اﷲ ئۇ زاتتىن رازى بولسۇن ! (بەدرى غازىتى رامىزاننىڭ 17-چىسلا , جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن , بۇ غازاتتا , ئىسلامىيەت دۇشمىنى , جاھالەت پىشىۋاسى ئەبۇجەھىل قەتلى قىلىنغان) دەيدۇ.2- مەككىكنى ئازات قىلىش غازىتىبۇ يۈكسەك ھادىسە,ھىجىرىيەنىڭ 8-يىلى,رامىزاننىڭ 21- چىسلا ، جۈمە كۈنىدە يۈز بەرگەن , بۇ غازات , بۇتپەرەسلىكنىڭ يىلتىزىنى قىرقىدى . كەبە ئەتراپىدىكى بۇتلار چېقىپ تاشلاندى .3- تەبۇك غازىتى بۇ غازات, ھىجىرىيەنىڭ 9-يىلى رامىزان ئېيىدا يۈز بەرگەن . شۇنداقلا ئىسلام تارىخىدىكى قادىسىيە غازىتى , بۇۋەيب غازىتى قاتارلىق مەشھۇر غازاتلارمۇ رامىزاندا يۈز بەرگەن . 4- يەمەندە ئىسلامنڭ ئومۇملىشىشىھىجىرىيەنىڭ 10 - يىلى رامىزاندا ئىسلام دىنى يەمەندە تارىلىپ ئومۇملاشقان , پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام , ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب باشچىلىغىدا , يەمەنگە بىر قوشۇن ئەۋەتكەن .5- بۇتلارنىڭ پاچاقلىنىشىھىجىرىيەنىڭ 8- يىلى رامىزاننڭ 25- چىسلا خالىد ئىبنى ۋەلىد نەخلە دىكى مەشھۇر بۇت ئۇززا نى چاققان , پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ تەرەپ -تەرەپكە بۇتلارنى چېقىۋېتىش ئۈچۈن قوشۇن ئەۋەتكەن .6- زەللاقە غازىتىھىجىرىيە 479-يىلى زەللاقە غازىتى يۈز بەرگەن , بۇ ئىسلام تارىخىدىكى مەشھۇر ھەلقىلغۇچ ئورۇشتا , يۇسۇف ئىبنى تاشپىن باشچىلىغىدىكى ئىسلامىيەت قوشۇنى , پولىس6 نىڭ قوماندانلىقىدىكى 80 مىڭ كىشلىك زور قوشۇننى مەغلۇب قىلغان .7- ئەينى جالۇت غازىتى ھىجىرىيە658-يىلى , رامىزاننىڭ 15-چىسلا جۈمە كۈنى , ئىسلام قوشۇننىڭ سەركەردىسى قوتۇز نىڭ ئىسلام ئۈچۈن دەپ شۇئار توۋلاپ، ساناقسىز مۇڭغۇللار ئۈستىدىن غەلبە قىلدى , بۇنىڭلىق بىلەن شام شەھەرلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلدى , مۇسۇلمانلار مۇڭغۇللارنىڭ زۇلومىدىن قۇتۇلدى , شۇنداقلا , ئىسلام قەھرىمانلىرىدىن سالاھىددىن ئەھلى-سەلىپلەر بىلەن رامىزان ئېيىدا تارىخى سالمىقى بىر قەدەر زور غازاتلار نى قىلغان .مانا بۇ , رامىزان ئايلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلىكلەردىن ئازغىنە تاللانمىلار .


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ