<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دوختۇر ئەنگىن تۈركمەن روزا تۇتقان ئىنساننىڭ ئاغزىدىن چىققان پۇراقنىڭ كىشىنىڭ توغرا ۋە ياخشى ئوزۇقلانغانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر،

 دوختۇر ئەنگىن تۈركمەن روزا تۇتقان ئىنساننىڭ ئاغزىدىن چىققان پۇراقنىڭ كىشىنىڭ توغرا ۋە ياخشى ئوزۇقلانغانلىقىنىڭ ئىشارىتىدۇر، دېدى.

ئىچكى كىېسەلىكلەر مۇتەخەسىسى ئەنگىن تۈركمەن ئاچ قالغان كىشىنىڭ ئاغزىدىن چىققان پۇراقلار  ئىنسان كاربون ھىدرات قوبۇل قىلمىغىنى ئۈچۈن بەدەن ئىچىدىكى كارنىتىن ئېسىملىك بىر ماددا بىلەن بەدەندىكى ياغلار ئېرىيدۇ.بۇنىڭ نەتىجىسىدە مېڭىنىڭ ئېھتىياجلىق بولغان ياغ ئوكسىتلىرى بىلەن گىلوگوكوزا ئېسمى بېرىلگەن ۋەئىسپىرتقا ئوخشاش پۇرايدىغان ئىككى خىل ئارىلاشما ئوتتۇرغا چىقىدۇ، دېدى.  ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: نورمال ئوزۇقلانغاندا رامىزان ئېيىدا بەدەندىكى ئىھتىياجدىن ئارتۇق ياغلاردىن قۇتۇلىدۇ.

رامىزان كۈنلىرىدىكى ئۇزۇن ۋاقىتلىق ئاچلىق مەزگىلىدە ، ئادەم بەدىنى ئۆزى ئىھتىياجى بولغان ئېنىرگىيەنى قۇرساق ۋە كىندىك ئەتراپىدىكى ئارتۇق ياغلاردىن ئېلىش ئارقىلىق تەمىنلەيدۇ. بۇ ياغلار ئېرىشى بىلەن ياغ ئوكسىتلىرى ئوتتۇرغا چىقىپ ئېنىرگىيە بېرىدۇ . بۇ ياغلار ئوكسىتلانغاندىن كېيىن قۇۋۋەت بەرگۈچىلىك رولى ئويناپ رامىزاندا روزىنى ئاسان تۇتۇشقا ياردەمچى بولىدۇ. بۇ  خىل ھالەتتە ئېرىگەن ياغ سەۋەبى بىلەن ئىنسان بەدىنى ئۆز بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قالغان ھالدا بەدىنىدىن ئەڭ ئاز دېگەندە بىر ياكى ئىككى كىلو ياغ  ئېرىتىدۇ.

دوختۇر يەنە رامىزاندا ئېغىزنىڭ پۇرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىپتاردىن كېيىن، يېتىشتىن بۇرۇن ۋە سۇھۇردىن كېيىن بولۇپ ئەڭ ئاز دېگەندە ئۈچ قېتىم چىش چوتكىلاشنى تەۋسىيە قىلدى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

مەنبە: رامىزان ۋە ساغلىق


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ