ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رامزان ئېيىدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر

رامزان ئېيىدا يولغا قويۇلغان ئىبادەتلەر:1-روزا تۇتۇش.پەرز روزا مۇشۇ ئايغا خاستۇر، بۇ ئايدا روزا تۇتۇشنىڭ پەرز بولىشى بىز يۇقىرىدا بايان قىلغىنىمىزدەك بۇ ئايدا قۇرئان كەرىمنىڭ نازىل بولغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر. 2-تاراۋىھ نامىزى.نامازمۇ روزىغا ئوخشاش بەندە بىلەن ئىگىسىنىڭ ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتتۇر، جانابى ئاللاھ سۈبھەنەھۇ ۋەتائالا رامىزان ئېيىدا تاراۋىھ نامىزى ئوقۇشنى يولغا قويغان، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بۇ نامازنى رامىزاندا مەسجىدتە ئوقۇغان، ساھابىلارمۇ رەسۇلۇللاھقا ئەگىشىپ ئوقۇشقان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار بۇ نامازنى جامائەت شەكلىدە ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن، شۇڭا تاراۋىھ نامىزى رامىزان ئېيىغا خاس شۇئار خاراكتېرلىك ئەمەلىي ئىبادەت بولۇپ قالغان، مۇسۇلمانلار بۇ ئۇلۇغ ئايدا مەسجىدلەرگە يىغىلىپ ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرىشىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇلار بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ بەرىكىتى ۋە پەزلىگە ئېرىشىدۇ، چۈنكى بۇ نامازنى ئوقۇش بىلەن بۇ مۇبارەك ئايدا قىيامدا تۇرغان بولىدۇ، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مۇنداق دېگەن: ((ئاللاھ تائالا رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان، مەن قىيام (تاراۋىھ) نامىزىنى ئوقۇشنى سۈننەت قىلدىم، شۇڭا كىمكى بۇ ئايدا ئىيمانى بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ روزا تۇتۇپ تاراۋىھ نامىزىنى ئوقۇسا گۇناھلىرى يۇيۇلۇپ ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك ھالەتكە قايتىدۇ)). 3-ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش.بۇ ئايدا قىلىنىدىغان ئۈچىنچى ئىبادەت بولسا ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشتۇر، ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش دېگىنىمىز: مۇسۇلمان كىشى ئۆزىنى پەقەت ئاللاھ تائالانىڭ تائىتىگىلا ئاجرىتىپ ئاللاھنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرى بولغان مەسجىدلەرنىڭ بىرىدە مۇقىم تۇرۇشنى نىيەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر، بۇ ئىبادەت ئارقىلىق ئىنسان رۇھىي تەرەپتىن چېنىقىپ ماددا ۋە ئۇنىڭ جازىبىيىتىدىن ئۈستىن كېلىشكە، تائەت-ئىبادەتلەرگە ئۆزىنى كۈندۈرۈپ ھەرخىل دۇنياۋىي ھەۋەسلەردىن يىراق تۇرۇشقا چېنىقىدۇ، ئېتىكاپنى جانابى ئاللاھ بەقەرە سۈرىسى 187- ئايىتىدە مۇنداق زىكىر قىلغاندۇر: ((ئاندىن كەچ كىرگىچە روزىنى تاماملاڭلار، سىلەر مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغاندا ئۇلارغا(يەنى ئاياللىرىڭلارغا) يېقىنچىلىق قىلماڭلار)).بۇ ئىبادەت رامىزاننىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە قىلىش كۆرسىتىلگەن سۈننەت مۇئەككەدەدۇر، سەھىھەيندە كېلىشىچە پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم مەدىينىگە كەلگەندىن تارتىپ ۋاپات بولغانغا قەدەر رامىزاندىن ئاخىرقى ئون كۈندە ئېتىكاپتا تۇرۇپ كەلگەندۇر.بەزى تابىئىيلار مۇنداق دېيىشكەن: كىشىلەرنىڭ ئېتىكاپتا ئولتۇرۇش سۈننىتىنى تاشلاپ قويغانلىقى ھەقىيقەتەن ئەجەبلىنەرلىك ئىش، پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم بەزى ئىشلارنى بەزىدە قىلىپ بەزىدە قىلمايتتى، لېكىن ئېتىكاپتا ئولتۇرۇشنى قەتئىي تاشلاپ باقمىغان.بۇ مۇھىم سۈننەت بىز ئۇيغۇرلاردا تاشلىنىپ قالغانلىقى ھەقىيقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلارنىڭ بىرىدۇر، شۇڭا بۇ ئىبادەتنى چوقۇم قايتىدىن ئېھيا قىلىپ چىقىپ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمنىڭ سۈننىتىن ياشارتىشىمىز، بۇ ئىبادەتتىن قولغا كېلىدىغان جانابى ئاللاھنىڭ ئىنئاملىرىدىن مەھرۇم قالماسلىقىمىز كېرەك.بەزى ئالملار بۇ ئىبادەتكە مۇنداق دەپ مىسال كەلتۈرگەن: ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى خۇددى بىر ھاجەت بىلەن بىرىنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ تۇرىۋالغان كىشىگە ئوخشايدۇ، شۇڭا ئېتىكاپتا ئولتۇرغان كىشى: مېنى مەغپىرەت قىلمىغۇچە بۇ جايدىن زادى كەتمەيمەن، دەيدۇ.4 - سەدىقە فىترى بېرىش.سەدەقەتۇل پىترى: روزى ھېيىت مۇناسىۋىتى بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ نامراتلارغا بېرىشى ۋاجىب بولغان سەدىقىدىن ئىبارەت .بۇ سەدىقە ئادەم بېشىغا ۋاجىب بولغانلىقى ئۈچۈن كاللا زاكىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بۇ سەدىقە رامىزان ئېيىدا سادىر بولغان غەيۋەت ۋە تىل - ھاقارەتتەك بەزى گۇناھلارنى يۇيىدۇ، رامىزاندا ئاچلىقنىڭ تەمىنى تېتىغان كىشى ئاچ - يالىڭاچ قالغانلارغا بۇ ئازغىنە سەدىقە بىلەن يارىدەم قىلىپ رامىزاندىن ئەمەلىي دەرس ئالغان بولىدۇ. نامراتلارمۇ بۇ سەدىقىنى ئېلىپ ھېيىت - ئايەمنى مۇھتاجلىق ھېس قىلماي خوشال - خورام ئۆتكۈزىدۇ.بارلىق مۇسۇلمانلار بۇ سەدىقىنىڭ ۋاجىبلىقىغا بىرلىككە كەلگەن. ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ۋە ئەبۇل ئالىيە قۇرئان كەرىمدىكى ئەئلا سۈرىسى: (( پاك بولغان ئادەم مەقسىتىگە يەتتى، ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ نامىنى ياد ئەتتى، ئاندىن ناماز ئوقۇدى)) دېگەن 14- 15- ئايەتنى زاكاتى پىتىرنى بېرىپ ئاندىن ھېيىت نامىزى ئوقۇدى دەپ تەپسىر قىلغان.ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم ھەزرىتى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: ((پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام پىتىر زاكىتىنى ھۆر ياكى قۇل بولسۇن، ئەر ياكى ئايال بولسۇن چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن بارلىق مۇسۇلمانلارغا بۇغدايدىن ياكى ئارپىدىن بىر سا ( 2040 گىرام ) بەلگىلىدى، ئۇنى ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىشكە بۇيرىدى))بۇ سەدىقىنى بىر كۈنلۈك ئوزۇقى قولىدا ئاشىدىغان ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزى ۋە ئۆزى باقىدىغان بارلىق بالا - چاقىلىرى ئۈچۈن ھەر بىر كىشىگە بىر كىشىلىكتىن بېرىدۇ، ھېيىت نامىزىغا قەدەر تۇغۇلغان بوۋاق ئۈچۈنمۇ بىر كىشىلىك سەدىقە بېرىدۇ. بېرىلىدىغان ۋاقتى: رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كۈن پېتىشى ياكى ھېيىت كۈنى تاڭ ئېتىشى بىلەن سەدىقە پىتىر بېرىش ۋاجىب بولىدۇ، ھېيىت نامىزىغا چىقىشتىن بۇرۇن بېرىش مۇستەھەب، ھېيىت كۈنىدىن بىر ياكى ئىككى كۈن بۇرۇن بېرىش جائىز، ساھابىلارنىڭ شۇنداق قىلغانلىقى سەھىھ ھەدىستە سابىت. بەزىلەر رامىزان ئىچىدە بەرسە بولىدۇ دەپ قارىغان. ئەمما ھېيىت نامىزىدىن كېچىكتۈرۈپ بېرىشكە بولمايدۇ. بۇ ئۇلۇغ ئايدا قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە باشقا مۇھىم ئىبادەتلەر:-1مالنىڭ يىللىق زاكىتىنى بېرىش. پەرز زاكات باي كىشىلەرگە ھەر يىلى 2.5% مىقتارىدا بېرىش بەلگىلەنگەن بولۇپ بۇنى مۇسۇلمانلار رامىزان ئېيىدا بېرىپ ئادەتلەنگەندۇر، بىز يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھىجرىي كالىندار ئىسلام پائالىيەتلىرىنى قىلىشتا ئاساس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن زاكات بەرگەندە ھىجرىي كالىندارغا تايانماي مىلادىي كالىندار بويىچە زاكات بەرگەن تەقدىردە ھەر 33 يىلدا بىر يىلنىڭ زاكىتىنى يەپ كېتىش ئەھۋالى يۈز بېرىدۇ، شۇڭا زاكات بەرگەندە بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى دەپ مىلادىي كالىندار بويىچە بەرمەي، ھىجرىي كالىندار بويىچە بېرىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، رامىزاندا بېرىپ ئادەتلەنسەك تېخى ياخشى.-2قۇرئان ئوقۇش ۋە تىڭشىشىشرامىزان ئېيى قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، رامىزان ئېيىدا ھەر يىلى پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم جىبرىيل ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئان تىڭشىشىپ تۇراتتى، ۋاپات بولغان يىلىدا 2 قېتىم تىڭشاشقان، بۇنىڭغا ئاساسەن مۇسۇلمانلار تاراۋىھتا خەتمە قىلىشقا ھەم رامىزان كۈنلىرىدە قۇرئان ئوقۇشقا ئادەتلەنگەن.بۇ ئۇلۇغ ئايدا ئادەتتىكى ئايلاردا قۇرئان ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەر قۇرئاننى كۈندە بىر پارىدىن ئوقۇپ 30 كۈندە بىر تامام قىلىۋالسا بولىدۇ، ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلار 30 كۈن ئىچىدە يېرىم سائەتتىن ۋاقىت چىقارسا رامىزان ئىچىدە قۇرئان ئوقۇشنى تولۇق ئۈگىنىۋالالايدۇ.-3خەيرى-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىشبۇ ئۇلۇغ ئاي خەير-ساخاۋەتنى كۆپ قىلىشئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ئاي بولۇپ پەيغەمبەر سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا ئىنتايىن بەك كۆپ خەير-ئېھسان قىلاتتى، شۇڭا باشقىلارنى ئىفتارلىتىۋېلىش، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىش ۋە يوقلاش ئىشلىرىنى كۆپ قىلىپ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىككە تىرىشىش لازىم.-4يامان ئىللەت ۋە ئادەتلەردىن قۇتۇلۇشروزا تۇتۇش بارلىق يامان ئادەتلەرنى شۇنداقلا گۇناھ ئىشلارنى تاشلاشقا ۋە ئۇنىڭدىن ئۈزۈل -كېسىل ئاجراشقا مۇھىم بىر پۇرسەتتۇر، بىر ئاي جەريانىدا يامان ئادەتنى تاشلىيالىغان تەقدىردە ئۇنىڭدىن تولۇق ئاجراپ كەتكىلى بولىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، تىل-ھاقارەتلىك سازلەرنى ئىشلىتىش، ناخشا ئاڭلاش، تېلىۋىزورنى كۆپ كۆرۈش، تاماقنى كۆپ يېيىش قاتارلىقلار.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ