ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

رامزان ئايلىرىدا خانىم قىزلارنىڭ پائالىيىتى جانلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-12 11:41:13 جەمئى 1381 قېتىم ئوقۇلغان.

رامزان ئايلىرىدا خانىم قىزلارنىڭ پائالىيىتى جانلاندى

رامزان ئايلىرىدا خانىم قىزلارنىڭ پائالىيىتى جانلاندى
رامزان كىرگەندىن بېرى خانىم قىزلىرىمىز شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىمنىڭ تەشكىللىشى بىلەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى.
شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى رامزان كىرىشتىن بۇرۇنلا رامزان ئىبادەتلىرىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئورۇن ھازىرلاپ خانىم قىزلارنى« قۇرئان كەرىم » ئوقوشقا تەشكىللىدى. پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ سانى 50 دىن ئاشتى. مەخسۇس تەجۋىد يېتەكچىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ،« قۇرئان كەرىم»نى ئۆلچەملىك ئوقوشقا يېتەكلىدى.
رامزاننىڭ ئاخىرلىرى، ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي ئۇيغۇر مەسچىتى، زېيتىنبۇرنۇدىكى قۇرئان كۇرسى قاتارلىق ئورۇنلاردا خانىم قىزلارنى يىغىلىشقا تەشكىللەپ، شەرقىي تۈركستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ خىتاي رېجىمنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلمىدىن تىزرەك قۇتۇلۇشى، خىتاي رېجىمنىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن دۇئالار قىلىندى.
مەدرىستە ئوقۇتۇش خىزمەتلىرىنى ياخشى قىلغان، جەمئىيەتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە ئاكتىپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلغان ئوقۇتقۇچى ۋە خىزمەتچىلەر تەقدىرلىنىپ مۇكاپات بويۇمى تارقىتىپ بېرىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ