ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

بېرىلگەن خەۋەردە ھەر يىلى دانىيەدە ھەر يۈزمىڭ كىشىدىن 326 كىشىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا چىققان. يەنە بىر خەۋەردە دانىيەنىڭ راك كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ئۆسكۈنلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىلغار بولغانلىقىدىن تەكشۈرۈلگەن نەتىجىلەر شۇنداق چىققان بولۇشى مۆمكىن دىيىلگەن.
 بۇ يىل 9- سەنتەبىر كۈنىدىن باشلاپ تور بەتلىرىدە ۋە تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا  دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك دۆلەتلەر ھەققىدە بىر بايانامە تارقىتىلىغان ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ دېققىتىنى تارتقان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىمكانى،  مەدىنىيەت سەۋىيەسى ۋە بىخەتەرلىك... پاراغەتلىك تۇرمۇش قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردە دانىيەنىڭ بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇدىغانلىقىنى، بۇ ئۆلچەم بويىچە دانىيەلىكلەرنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ بەختلىك ئىنسانلار ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك كەلىمىلەر بىلەن ئوتتۇرغا قويغان ئىدى.  ئارىدىن ئىككى ھەپتىمۇ ئۆتمەستىن دانىيەنىڭ دۇنيادىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئۇۋىسى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇمات يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بېرىلگەن خەۋەردە ھەر يىلى دانىيەدە ھەر يۈزمىڭ كىشىدىن 326 كىشىنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقى ئوتتۇرغا چىققان. يەنە بىر خەۋەردە دانىيەنىڭ راك كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ئۆسكۈنلىرىنىڭ ئالاھىدە ئىلغار بولغانلىقىدىن تەكشۈرۈلگەن نەتىجىلەر شۇنداق چىققان بولۇشى مۆمكىن دىيىلگەن.

بۇ مەلۇماتتا دېيىلىشچە  بۇ دۆلەتتە راك كېسەللىكىنىڭ بۇ دەرىجىدە كۆپ ئۇچرىشىشى دانىيەدە ئاياللارنىڭ تاماكا چىكىش نىسپىتىنىڭ يۇقۇرلىقى، دانىيەدىكى ھاراق ئىستىمالىنىڭ كۆپلىكى سەۋەبىدىن دەپ قارىلىدىكەن. دوكلاتتا يەنە ئىقتىسادى كىرىمى يۇقىرى بولغان دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ ئىقتىسادى كىرىمى تۆۋەن بولغان دۆلەتلەردىن  ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى، ياۋرۇپادىكى 13 دۆلەتنىڭ شۇنداقلا ئامېرىكا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىنلاندىيەلەرنىڭ راك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنىڭ ئالاھىدە يوقۇرلىقى جەھەتتىن راك كېسەللىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 20 دۆلەتنىڭ ئىچىگە كىرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا يەنە تەرەققى قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئادەملىرىنىڭ بىنورمال سېمىزلىكى، مەست قىلغۇچى ئىچىملىكلەرنى كۆپلەپ ئىستىمال قىلىشى، ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازلىقى قاتارلىقلارمۇ ئاساسى سەۋەپلەردىندۇر، دېيىلگەن.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر  


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ