<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

ئىككى خىل ھايۋان گۆشىدىن ئېتىلگەن تاماقنى بىرلا ۋاقىتتا يېمەڭ. ( يەنى قوي گۆشى بىلەن توخۇ، ياكى قوي گۆشى بىلەن كالا گۆشىدىن ئېتىلگەن تاماقلارغا ئوخشاش)

 

راك كېسىلىدىن يىراق بولاي دېسىىڭىز

ئىنسانلارنىڭ تەن ساغلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان راك كېسىلى كۈنسىرى كۆپىيىپ ۋە تۈرلىرىمۇ ئېشىپ ھەر بىر ئادەم ئۆزىنى بىر كۈنى بۇ كېسەلنىڭ بىر تۈرىگە تۇتۇلۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان بولۇپ قالغان بۇ  بۇ زاماندا تېخى بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولماسلىق ئۈچۈن قولۇمىزدىن كېلىشچە دېققەت قىلىشىمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭدىن بۇرۇن سونغۇنىمدەك بۇ قېتىمۇ  بۇ ھەقتە مەخسۇس يېزىلغان تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن بىر قىسىمىنى  ھازىرلاپ سۇندۇم. ئاللاھ مەنپەتلىنىشكە ھەممىمىزنى نېسىپ قىلسۇن.

 

1.ھەپتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى قېتىم گۆش تامىقى ئىستىمال قىلىڭ.

2.ھەپتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا تۆت قېتىم بېلىق ئىستىمال قىلىڭ.  ئىمكان بولغاندا بېلىقنىڭ قىلتىرىقلىرىنى ئېزىپ يەپ بېرىڭ.

3.ھەپتىدە ھېچ بولمىغاندا بىر تال ئۆيدە بېقىلغان توخۇ تۇخۇمى يەپ بېرىڭ.

4.ئاغزى پېچەتلىۋېتىلگەن سۈت ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

5.دوختۇرلۇقتىن خەۋىرى بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئاغزاكى دىئاگنوز قويۇشىغا  ۋە  دورا تەۋسىيە قىلىشىغا ئىشەنمەڭ. دوختۇرغا ئىشىنىڭ.

6.ئۆزىڭىزنى ھالسىز ، ماغدۇرسىز ھېس قىلغاندا ۋىتامىن ج، ۋىتامىن ب، قاتارلىق ۋىتامىن تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىڭ.

7.ئاچچىق لازا راك كېسىلىنىڭ دورىسىدۇر.

9.ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئاچ قۇرساققا بىر قۇرساق ئىللىق سۇ ئىچىڭ.

10.ئىككى ۋاقتلىق تاماق ۋاقتىنىڭ ئارىسىدا دەل 5 سائەت ئۆتكەن بولۇشىغا دىققەت قىلىىڭ.

11.ئىككى خىل ھايۋان گۆشىدىن ئېتىلگەن تاماقنى بىرلا ۋاقىتتا يېمەسلىككە دېققەت قىلىڭ. ( يەنى قوي گۆشى بىلەن توخۇ، ياكى قوي گۆشى بىلەن كالا گۆشىدىن ئېتىلگەن تاماقلارنى بىر قېتىمقى تاماق ۋاقتىدا يېگەنگە ئوخشاش)

12.مۇمكىن بولغىنىچە ئاق شېكەر ۋە ئاق ئۇندىن پىشۇرۇلغان نان ، بولكا يېمەسلىككە دېققەت قىلىڭ.

13.تۇز ئىشلەتمەڭ ، ياكى ئاز ئېشلىتىڭ. ھېمالىيا تۇزى، ياكى پارچە تۇزلار بولسا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

14.ئىككى ۋاخلىق تاماق ئارىسىدا چاي ۋە قەھۋەگە ئوخشاشلارنى ئىستىمال قىلىشقا بولىدۇ.

15.قان ئېلىشقا بولىدىغان ۋاقىتلاردا قان ئالدۇرۇشقا، ھاجىمات قىلىشقا بولىدۇ. بىراق بۇلارنى يا خشى بىلىدىغان كىشىلەرگە قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭ.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ