ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

د ئۇ ق رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-22 16:27:02 جەمئى 26181 قېتىم ئوقۇلغان.

د ئۇ ق رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى

د ئۇ ق رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلدى

 

  دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم 19 – ئۆكتەبىر ئۆزىنىڭ قۇرۇلتايدىكى ئالى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى

بۇ ئسىتىپانامە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن دۇنيا ئۇيغۇر ئىجرائىيە كومىتېتى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئىستىپاسىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قۇرۇلتاينىڭ باياناتىدا مۇنۇلار تىلغا ئېلىندى:

مۆھتىرەم ﺭﺍﺑﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﯩﻢ ،

بىز سىزنىڭ بۈگۈن مۇھاجىرهتتىكى مىللىي دهۋانىڭ ۋەكىللىك ئورگىنى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئۆز رەھبەرلىكىڭىز ئاستىدا يېتىشىپ چىققان بىر ئەۋلاد ياش نەسىلگه تاپشۇرۇپ، بۇ داۋانىڭ تەرەققىياتى ۋه غەلىبىسى ئۈچۈن ئۇلارغا پىداكارلىق كۆرسىتىش پۇرسەتلىرى يارىتىپ بەرمەكچى بولغانلىقىڭىزدىن تەسىرلەندۇق. سىز 2006 - يىلىدىن باشلاپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا رەئىس بولغان 12 يىل ئىچىده، مىللىي داۋايىمىز ئۈچۈن كۆپ خىزمەتلەر قىلغان ۋه شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقارادا تونۇلىشى ئۈچۈن ھەسسىلەر قاتقان ئىدىڭىز. سىز بىلەن بىر سەپته كۆرەش قىلىپ يېتىلگەن سىياسىي ئاكتىپلار بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقئارادا كۈنتەرتىپكه كەلتۈرۈپ، زۇلۇم ئاستىدىكى مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئەركىنلىكىنى ئەمەلگه ئاشۇرۇش يولىدا تېرىشچانلىقلار كۆرسەتمەكته.

ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ئۇﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩﮪﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ قاﺭﺍﺭﯨﻐﺎ كېلىپ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ئىلتىماسىڭىزنى ﺗﺎﭘﺷﯘﺭﯗﭖ ئېلىپ ﹰئەپسۇسلاندۇق. د ئۇ ق ئىجرائىيه كومىتېتى مۇزاكىرىلەر نەتىجىسىده، سىزنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش قارارىڭىزغا ھۆرمەت قىلىشنى ئۇيغۇن كۆردى.

سىزگىمۇ مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن بەدەل تۆلەشنى خالىغان ھەرقانداق شەخس ۋه تەشكىلاتلار بىلەن ماس قەدەمده ھەمكارلىشىپ مۇجادىله ئېلىپ بارىدىغان بىر ئورگان. ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻣۇستەبىت ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷتە ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭺ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻤﺰﺩﯗﺭ. ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ مۇجاﺩىلە ﺳﯧﭙﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﯩﻐﺎ ئوﺧﺸﺎﺵ ﮪﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﺭﻩﺵ قىلىش ئارزۇيىمىزنى ئىپادە قىلىمىز

ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ:

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ