ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دېماك شىركىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-09 16:38:03 جەمئى 1693 قېتىم ئوقۇلغان.

دېماك شىركىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى

دېماك شىركىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ئۆز مەنپەئەتىدىن ۋاز كەچتى

دېماك شىركىتى لېدىرى قادىر ئاكىنجى ئەپەندى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنى توختاتقانلىقى ھەققىدە بايات ئېلان قىلغان.
باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن: «دېماك ئۈسكۈنە شىركىتى ئۇزۇندىن بېرى تاشقى ۋە ئىچكى سودا ساھەسىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىستېمالچى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ زور ئالقىشىغا ئېرىشتۇق.
بىز دۇنيادا ياشاشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتىنى چۈشىنىدىغان بىر شىركەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ قان-قېرىندىشىمىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە قارشى تۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى يالغۇز ئەمەس. بىز شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قوللاش ئۈچۈن، ھەر يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىپ كېلىۋاتقان 2200 توننا ئۈسكۈنىنى بۈگۈندىن باشلاپ توختاتتۇق. خىتاي شىركەتلىرى بىلەن تىجارەت ئالاقىمىز بۈگۈندىن باشلاپ ئاخىرلاشتى.
ھۆرمەت بىلەن دېماك شىركىتى مۇدىرىيىتى»
دېماك شىركىتى بىر جەمەت شىركىتى سۈپىتىدە 2010-يىلى تۈركىيەنىڭ دېنىزلى ۋىلايىتىدە قۇرۇلۇپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ زورايغان ۋە خېرىدارلارنىڭ ئالقىشغا ئېرىشكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ