ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت: تۈركىيە پەلەستىنگە قىلغان ياردىمىنىڭ بىر قىسىمىنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-10 17:51:41 جەمئى 2290 قېتىم ئوقۇلغان.

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت: تۈركىيە پەلەستىنگە قىلغان ياردىمىنىڭ بىر قىسىمىنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

دوكتور ئالىمجان ئىنايەت: تۈركىيە پەلەستىنگە قىلغان ياردىمىنىڭ بىر قىسىمىنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز
9- ئۆكتەبىر ڧروپپسور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ:« تۈركىيە پەلەستىنگە قىلغان ياردىمىنىڭ بىر قسىمىنى شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ! » دېگەن.
ئىشخانىسىدا ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ڧروپپسىور، دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مۇنداق دېدى:
« ھازىر خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق قىلىمىشى ئنتايىن قورقۇچلۇق ھالەتكە كەلدى. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتى ئىنسانىيەتكە قارشى ئېلىپ بارغان جىنايەت ھەمدە بىر مىللەتكە يۈرگۈزۈلگەن ئىرقىي قىرغىن قىلىش جىنايىتىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىر قانچە مىليون مۇسۇلماننى « تەربىيىلەش مەركىزى»دەپ ئاتىۋالغان لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلغانلىقى ئېنىقلاندى. باشقا بىر ئىشەنچلىك خەۋەر مەنبەلىرىدە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تۈرمە ياكى لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قسىمىنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كەتكەن. خىتاينىڭ ئۇلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىدا ھېچقاندا قانۇنى ئاساسى يوق. پەقەت ئولار مۇسۇلمان بولغانلىقى، ئۇيغۇر بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا تېررولۇق سىياسەت ئېلىپ بېرىپ يوق قىلىشنى نىشان قىلىۋاتىدۇ.
خىتاي ئالدىنقى يىللىرى تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى شەرقىي تۈركسىتانغا قايتىشقا مەجبۇر قىلىش سەۋەبىدىن قايتىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى لاگىرلارغا قامالدى. بىر قىسمىنىڭ ھازىرغىچە ئىز- دېرىكى يوق.
تۈركىيە ھۆكۈمىتى خىتايدىن قەرز ئالغانلىقى سەۋەبلەردىن بولۇشى مۇمكىن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇم ۋە ئىرقى قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرىنى ئاڭلىماس، كۆرمەس بولىۋالدى. تۈركىيىنىڭ بۇ خىل ھالىتى بىزنى ئەندىشىگە سېلىۋاتىدۇ. بىز تۈركىيىدىن پەلەستىن مۇسۇلمانلىرىغا بەرگەن ياردىمىنىڭ بىر قسىمىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بىرىشنى ئۈمىد قىلىمىز! »


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ