ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇغانلار لاگېرغا تۇتقۇن قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-09 10:26:07 جەمئى 2245 قېتىم ئوقۇلغان.

دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇغانلار لاگېرغا تۇتقۇن قىلىندى


دوختۇرخانىدا ناماز ئوقۇغانلار لاگېرغا تۇتقۇن قىلىندى
9- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، بىمارلار دوختۇرخاندا ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبتىن لاگېرغا قامالغان.
ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر شاھىت مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2017- يىلى 3- ئاينىڭ 30- كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە داۋالىنىۋاتقان تۇرسۇننىياز ھاشىمنىڭ ناماز ئوقۇغانلىقىنى بايقىغان بىخەتەرلىك خادىمى تۇرسۇننىياز ھاشىمنى دوختۇرخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى، دوختۇرخانا دائىرلىرى دوختۇرخاندا ھەر قانداق شەكىلدە ناماز ئوقۇشنىڭ چەكلەنگەنلىكى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغانلىقىنى، ئۇقتۇرۇشتا ناماز ئوقۇشنى قانۇنسىز دىنى پائالىيەت دائىرىسىگە كىرگۈزگەنلىكىنى، تۇرسۇننىياز ھاشىم دوختۇرخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كىيىن ئىچكى بۆلۈمنىڭ مۇدىرى ۋە سېسترالارمۇ «ناماز ئوقۇشنى چەكلىمىگەن» دېگەن تۆھمەت بىلەن مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ جازالانغانلىقىنى، دوختۇرلارنىڭ 2017- يىللىق خىزمەت دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
شاھىت يەنە، مۇخبىرغا: لوپ ناھىيىلىك دوختۇرخانىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىك بۆلۈمدە داۋالىنىۋاتقان ئوغۇلخان ئەھمەد كېسەلخانىدا ناماز ئوقۇغانلىقى سەۋەبىدىن دوختۇرخانىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى، ھەمكارلىق سوغۇرتىسىنىڭ بىكار قىلىنىپ ھېساباتىنىڭ ھەممىسىنى نەخ پۇل بىلەن قايتۇرۇشقا مەجبۇرى قىلىنغانلىقىنى، دوختۇرخانا دائىرلىرى سىياسى قانۇن ۋە يېزىلىق پارتكومغا دوكلات قىلىپ، ئوغۇلخان ئەھمەت لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنىدىغانلار قاتارىغا تىزىلىپ لاگېرغا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى، يوقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم مەسئۇلى ۋە سىستېرالار باشلىقى ئىشتىن قوغلانغانلىقىنى، ئۇندىن باشقا 4 دوختۇر ۋە بىرقانچە سېسترانىڭ جازالانغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ