ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

داۋايىمىز داۋادەك بولسۇن! ھەر بىر ئىنسان بىر داۋا ئىگىسىدۇر. ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا بىر داۋاسى باردۇر. بەزىلەرنىڭ داۋاسى مىللەت بولسا، بەزىلەرنىڭ ۋەتەندۇر.

 

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

داۋايىمىز داۋادەك بولسۇن!

ھەر بىر ئىنسان بىر داۋا ئىگىسىدۇر. ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا بىر داۋاسى باردۇر. بەزىلەرنىڭ داۋاسى مىللەت بولسا، بەزىلەرنىڭ ۋەتەندۇر. يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ئۆزى ئىتىقاد قىلىۋاتقان دىن داۋاسىدۇر. ئەگەر بىر ئادەمنى سېنىڭ ھېچبىر داۋايىڭ يوق، ياكى سېنىڭ ھاياتىڭدا يەپ- ئىچىشتىن،  تارىنىپ كېيىنىشتىن باشقا دەردىڭ يوق دەپ سالسىڭىز بۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر ھاقارەت بىلىنىدۇ   ۋە ئۆزىنىڭ ئۆزىگە توغرا، دەپ قارىغان داۋاسى ھەققىدە سىزگە قايناپ كۆپۈپ، سۆزلەپ كېتىدۇ. دېمەك، ھەقىقىي داۋاغا نىسپەتەن نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ داۋاسى ھەقىقىي داۋا بولمىسىمۇ ھەر ئىنسان ئۆزىنى بىر داۋا ئادىمى ياكى بىر داۋا ئۈچۈن ياشىغان بىرى دەپ باھالايدۇ. مېنىڭ ھېچبىر داۋايىم يوق دېگەن ئاڭدا ياشايدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. لېكىن، بۇ ئىنسانلار ئازراق ئىنسانلىق غۇرۇرى بىلەن ياشاشنى بىلسە ھەرگىز ئاغزىدا بولسىمۇ مېنىڭ داۋايىم يوق دېيەلمەيدۇ.

خوش! ھەر بىر ئىنسان داۋايىم بار دەيدىكەن، داۋاسى ئۈچۈن بىر ئىشلارنى قىلىش لازىم ئەمەسمۇ؟ بولۇپمۇ بىز شەرقىي تۈركىستانلىقتەك داۋاسى بولۇشى شەرتسىز بولغان، داۋاسى يوق، دېگەننى نومۇس، ئاھانەت ھېس قىلىشى كېرەك بولغان بىر مىللەتكە نىسپەتەن!

ئاللاھ تەئالا چەتئەللەرگە چىقىپ ياشاشقا پۇرسەت بەرگەن ھەر بىر شەرقىي تۈركىستانلىق مەيلى ئۇلاردىن بىرىنىڭ داۋاسى مىللەت، بىرىنىڭ داۋاسى ۋەتەن، يەنە بىرىنىڭ داۋاسى دىن بولسۇن، چوقۇم داۋاسىدا راستچىل بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ ھازىرقىدەك داۋالىرىمىزنى ياۋۇز ، نومۇسىز دۈشمەن بىر تىيىنغا ئەرزىمەس قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان، داۋا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىمىزنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىپ يوققا چىقىرىپ، بىزنى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنىۋاتقان، بۇنىڭ ئۈچۈن تۈرلۈك – تۈمەن ھېلە – مېكىر قۇرۇپ ھەتتا رەزىل قولىنى داۋا ئىگىلىرى بولغان بىزلەرنىڭ ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىمىزگىچە  سوزىۋاتقان بىر ۋاقىتتا.

ئەگەر بىز ئۆزىمىزنى بىر داۋا ئادىمى دېسەك، مانا بىزگە داۋايىمىزدا راستچىل ئىكەنلىكىمىنى ئىپادىلەيدىغان ئەڭ ياخشى پۇرسەت.

دۈشمەن ئەڭ رەزىل نومۇسسىزلىقىنى يەنە ئاشكارلاپ تاكى تۈركىيەگە قەدەر كەلمەكتە ۋە بۇ يەردە بىزنىڭ ۋەتىنىمىزدە دىنىي ئەركىنلىك يوق! دەپ قىلغان پۈتۈن داۋالىرىمىزنى، ۋەتەندىكى زۇلۇم ئۈچۈن چەتئەللەردە دۈم يېتىپ، دۈم قوپۇپ، يوقسۇللۇق، مۇھتاجلىق، مۇساپىرلىق، يالغۇزلۇق، ئىچىدە داۋا ئۈچۈن بارلىغىنى ئاتىغان قېرىنداشلارنىڭ پۈتۈن خىزمەتلىرىنى يوققا چىقارماقچى، يالغانچىغا چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ دىنىنى ياشاش يولىدا  تارتقان ئازاپ- ئوقۇبەتلىرىنى، ئىنسان قېلىپىن چىققان قىيناشلىرى بىلەن شېھىت قېلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋالىرىنى، ئاللاھ پەرز قىلغان نامىزىنى ئوقۇشقا، روزىسىنى تۇتۇشقا، ھەج قىلىشقا، ھەتتا زاكىتىنى بېرىشكە روخست قىلىنمىغان  قېرىنداشلىرىمىزنىڭ داۋالىرىنى  يالغانچىغا چىقىرىۋاتىدۇ ، ئۆزىگە تەۋە بولغان بېشى ۋە بەدىنىنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئوراشقا روخسەت قىلماستىن ھەر يەردە خورلانغان، ئەڭ ئەقەللىسى ئىنسانلىق ھەققىدىن مەھرۇم قىلىنىۋاتقان قېز- ئايال قېرىنداشلىرىمىزنى يالغانچىغا چىقىرىۋاتىدۇ، ئېغىزلىرىدىن سۈت پۇراپ تۇرغان نارسىدىلەرنى قۇرئان ئوقۇدۇڭ دەپ ئۇرۇپ، تۈرمىلەردە قىيناپ ئۆلتۈرۋاتقانلىقلىرىدىن ئىبارەت ئەشەدىي دۈشمەنلىكلىرىنى يوشۇرۇپ بىزنىڭ داۋالىرىمىزنى يالغانغا چىقارماقچى بولىۋاتىدۇ. تۈرمىلەردە ئۆلگەنلەر يالغانمۇ؟ چېگرىدىن كىرگەندە بىخەتەرلىك تەكشۈرەيمىز، دەپ ھەتتا ئەرلەرنىڭ ئالدىدا  قىز – ئاياللىرىمىزنىڭ تاكى ئىچ كىيىملىرىگىچە سالدۇرۇپ تەكشۈرۈشكەنلىرى يالغانمۇ؟ كېچىدە سوھۇرلۇق يېمىسۇن، دەپ چىراقلىرى يېقىق ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرىنى ئۇرۇپ ئاۋارە قىلغانلىرى يالغانمۇ؟ ناماز ئوقۇمىسۇن، دەپ مەسجىدلەر ئالدىدا تەكشۈرۈدىغان ساقچىلارنى قويغانلىرى يالغانمۇ؟ ھېيت كۈنى، ھېيت نامىزى ئوقۇمىسۇن، دەپ بايراق چىقىرىش باھانىسى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە توپلىۋالغانلىقى يالغانمۇ؟ بىر پۇڭ پۇلىنى بىزدىن ئايايدىغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ھېچقاچاندا بەرمەيدىغان كەمپۇت ۋە تورتلىرىنى رامىزان ئايلىرىدا بالىلارغا زورلاپ يىگۈزگەنلىرى يالغانمۇ؟ بىزنىڭ بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇن ئاجىزلاپ ئۆلۈپ تۈگىشىمىز ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان چارىنىڭ ھەممىسىنى قىلىۋاتقان خىتاينىڭ، ئىشچى- خىزمەتچىلىرىمىزنىڭ سالامەتلىكى ناچارلاشىپ كەتمىسۇن، دەپ روزا تۇتۇرمىدۇق، دەپ بىلجىرلاشقانلىقلىرى يالغانمۇ؟ دىن ئۆگەتتىڭ، دەپ ئۇستازلارنى كىچىك نارسىدىلەر بىلەن تۈرمىلەرگە سولاپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەنلىكى يالغانمۇ؟

بۇ دەرىجىدىكى يالغانچىلىقنى ھېچ نومۇس قىلماي قىلالىغان ئاللاھنىڭ دۈشمىنىدىن بىزنىڭ پەرقىمىز بولماي قالمىسۇن، ناۋادا بىز داۋايىمىزدا راستچىل بولساق، ئى رەببىم، بىزنى زالىم قەۋمدىن، ئۇنىڭ ھېلە- مېكرىدىن ساقلا، دەپ دۇئا قىلىۋاتقان دۇئالىرىمىزدا راستچىل بولساق، بۇ قېتىم بولسىمۇ ئۈنىمىزنى چىقىرايلى. داۋايىمىز يەنىلا بىخەتەر يەرلەردە، ھال – مۇڭ ئېيتىشقاندەك سۆزلەپ يۈرۈش، بىزگە ھېسداشلىق قىلماقچى بولغانلارنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي ياردەملىرىگە ئېرىشىش ئۈچۈن سۆزلەپ يۈرۈش، ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي تىجارەت، خىزمەتلىرىمىز، ئوقۇشلىرىمىزنىڭ ئاسان بولۇشىغا يول تېپىش ئۈچۈنلا سۆزلەپ يۈرۈش، مەلۇم بىر خەير- ئىھسان ئورنىدىن كېلىدىغان ياردەملەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن سۆزلەپ يۈرۈش بولۇپ قالمىسۇن. بۇ خىل داۋا ھەقىقىي داۋا ئەمەس.

داۋا، ناۋادا پۈتۈن زېھنىمىز، ئەقلىمىز، قەلبىمىز بىلەن بولماي پەقەت ئاغزىمىزدا بولسا بۇ داۋا ئەمەس. بۇ داۋا يالغان داۋادۇر.   داۋايىمىز، داۋادەك بولسۇن. داۋايىمىز مەنپئەت ۋە ھېسداشلىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەمەس، داۋايىمىز داۋا قىلغان ئىشلىرىمىزدا راستچىلىقىمىزنى ئىپادىلەيدىغان يەرلەردە بولسۇن! داۋالىرىمىزنى راھەت سورۇنلاردا، زىياپەت سورۇنلىرىدا، خاتىرجەم مۇھىتلاردا سۆزلەش، بايان قىلىش بىلەن توختاپ قىلىپ، ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر دەقىقىسى، ئىشلىرىمىزنىڭ ھەر بىر نازۇك توقتىلىرى، ۋۇجۇدىمىزنىڭ ھەر بىر تومۇرلىرىغىچە سىڭمىگەنلىكى ئۈچۈن بىزنىڭ داۋايىمىزنى يالغانچىغا چىقىرىشقا دۈشمەن بارغانسېرى خاتىرجەم ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. قەدەممۇ – قەدەم ئىلگىرلاۋاتىدۇ. ئەگەر بىز يەنە داۋايىمىزدا راستچىل ئىكەنلىكىمىزنى ئەمەلدە كۆرسەتمىسەك، دۈشمەن قوللىرىنى سالغان ھالدا ھەر يەردە بىزنى يالغانچىغا چىقىرىپ، ئاخىردا ياشاۋاتقان يەرلەردىكى بىزگە ھېسداشلىق قىلىۋاتقان خەلقمۇ بىزنى ناې قېپىلار ئالدامچىلار پۇرسەتپەرەسلەر يالغانچىلار دەپ ھەيدەشتىن يانمايدۇ. چۈنكى، بىز داۋايىمىزنى داۋادەك قىلمايۋاتىمىز، ياكى قىلىۋاتقانلارنى يالغۇز تاشلاپ قويىۋاتىمىز.  ئاغزىمىزدا قىلىۋاتقان داۋالىرىمىزغا پۇت- قوللىرىمىزنى ماسلاشتۇرمايۋاتىمىز. راھەت ئۇيقۇلاردىن، لەززەتلىك تاماق سورۇنلىرىدىن ئايرىلالمايۋاتىمىز. ياكى مىڭلارچە كىلومېتىر يېرالىقتىكى دۈشمەندىن قورقۇپ، نامايىشلارغا چىقالمايۋاتىمىز. بىر كۈنلۈك ۋە يېرىم كۈنلۈك تىجارەت پايدىسىدىن ۋاز كېچەلمەي داۋا ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنى ئادەمسىز تاشلاپ قويىۋاتىمىز. بىز ئۈچۈن ئېچىلغان يىغىنلاردا، ئۇچرىشىشلاردا بىزنىڭ بايرىقىمىزنى بىزنىڭ ئورنىمىزغا قېرىنداش مىللەتلەر، يەرلىك خەلقلەر كۆتۈرىۋاتىدۇ.

ئى قېرىندىشىم! ئەمدى بولسىمۇ ئويغىنىڭ! ۋەتەن، دىن ۋە مىللەت ئۈچۈن قىلغان داۋايىڭىزدا يالغانچى بولسىڭىزمۇ ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزىڭىز ئۈچۈن قىلغان داۋادا راستچىل بولۇڭ. چۈنكى، دۈشمەن ھەتتا سىزنى يالغانچى قىلىپ قويغىلى ئاز قېلىۋاتىدۇ. ياشاۋاتقان يېرىڭىزدىن سىزنى تۇرالماس قىلىپ قويغۇلىۋاتىدۇ. چەتئەللەردە سىز ئېرىشكەن ئىمتىيازلارنىڭ، ئالغان نوپۇس كىملىكلىرىڭىزنىڭ، دەسسىگەن تۇپراقلىرىڭىزنىڭ، ئولتۇرۋاتقان ئۆيلىرىڭىزنىڭ، راھەت – خاتىرجەم ھاياتىڭىزنىڭ قولىڭىزدىن كېتىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ.

ۋىجدانىڭىز، غۇرۇرىڭىز بولسا داۋايىڭىزدا راستچىل بولۇڭ، داۋايىڭىز، داۋادەك بولسۇن، راستچىلىقىمىزغا بىزنى ياراتقان، قەلبلەردىكى ئەڭ يۇشۇرۇن سىرلارغىچە بىلىدىغان  ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇن!

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر

 

 

 

 

 

 

 

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ