ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

دانىيىدە چارشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-02 15:03:34 جەمئى 9915 قېتىم ئوقۇلغان.

دانىيىدە چارشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى

دانىيىدە چارشاپ چەكلىمىسى پارلامېنتنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتتى

2- ئىيون قېرىم ئاگېنتلىق بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشچە، دانىيىدە چايشاپ چەكلىمىسىگە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنى تەشكىل قىلىدىغان 3 ئورتاق لىبېرال پارتىيە ۋېنسترې، مۇھاپىزىرىكار خەلق پارتىيەسى ۋە لىبېرال ئىتتىپاقداش پارتىيە بىلەن بىرلىكتە، ھۆكۈمەتنى سىرتتىن قوللىغان ئاشقۇن ئوڭچىل دانىيە خەلق پارتىيەسى ۋە سوتسىيال دېموكرات  پارتىيەسىمۇ قوللاپ ئاۋاز بەردى.

خەۋەردە، مەزكۇر چەكلىمە ئاۋغۇست ئېيىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، دۆلەت ئورۇنلىرىدا چارشاپ  بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا 1000 كرون (700 لىرا) جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى، چەكلىمىگە ئۇدا 4 قېتىم  ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك خىلاپلىق قىلغانلارغا بولسا ھەر قېتىملىقى ئۈچۈن  10 مىڭ كروندىن (7 مىڭ لىرا)دىن جەرىمانە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

دانىيە ئەدلىيە مىنىستىرى سۆرەن پاپې پوئۇلسېن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىپ،  ساقچىلارنىڭ چارشاپ ئارتقان ئاياللارنىڭ يۈزىنى زورلاپ ئاچمايدىغانلىقىنى،  جەرىمانە قويغاندىن كېيىن ئۆيلىرىگە كېتىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ