ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلق كۈندە بىر جۈملە سۆز ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندى

خەلق كۈندە بىر جۈملە سۆز ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاندى

12-ئاپرېل ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان سۈرەتلىك ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ھەركۈنى بىر جۈملە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى چۈشۈرگەن. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، «ئەسەبىي» دېگەن تۆھمەت بىلەن تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلغان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ھەرخىل ۋاسىتىلەر بىلەن خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئىسپاتلانغان ئىدى. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يەنە لاگېرنىڭ سىرتىدا ياشاۋاتقان خەلقىنىمۇ خىتاي تىلى ئۆگىنىشكە مەجبۇرلاۋاتقان بولۇپ، يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە خەلقكە ھەركۈنى بىر جۈملە خىتاي تىلى ئۆگىنىش ۋەزىپىسى چۈشۈرگەن ھەمدە خەلقنى ئىشىك-دەرۋازىلىرىغا قارا دوسكا ئېسىپ، ھەركۈنى «نەگە ماڭدىڭىز؟ نېمىنى ياقتۇرىسىز؟» دېگەنگە ئوخشاش ئۆگەنگەن بىر جۈملە سۆزنى قارا دوسكىغا يېزىشقا مەجبۇرلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ