ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقىمىز بىرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-08 17:23:49 جەمئى 1330 قېتىم ئوقۇلغان.

خەلقىمىز بىرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى

خەلقىمىز بىرلىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى
ئۆز خەۋىرىمىز، ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچى سالىھ خۇدايار تەرىپىدىن 9- سىنتەبىر كۈنى ئاق سارايغا يوللىنىش ئۈچۈن باشلىتىلغان ۋە بىر ئاي ئىچىدە 100 مىڭ كىشىلىك ئىمزا توپلىنىشى كېرەك بولغان پائالىيەت ئاخىرقى ھەپتىلەرگىچە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خەلقىمىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن بولسىمۇ، ۋاقىتنىڭ قىستاپ قېلىشىغا ئەگىشىپ ئورنىدىن دەس تۇرغان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ياشلىرىمىزنىڭ قاتتىق كۈچىشى نەتىجىسىدە مانا بۈگۈن ھازىرغىچە 105 مىڭغا يېقىن ئىمزا توپلاندى.
ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خۇددى دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە ئېلىپ بېرىلغىنىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ بولغان ئىستانبۇلدا ناھايىتى جانلىق ئېلىپ بېرىلدى.
ئىستانبۇلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئىستانبۇل ئايدىن ئۇنىۋېرسىتىدە دوكتۇرلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئاينۇر مۇھەممەد خانىمنىڭ كەڭ ئوقۇغۇچى ۋە ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى ئاساسلىق كوچىلىرى، ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئالدى قاتارلىق جايلارنىڭ يەرلىك خەلقلەر ئىمزا قويۇشقا سەپەرۋەر قىلىندى.
نەتىجىدە مۆھلەتتىن بىر كۈن بۇرۇن تەلەپ قىلىنغان ساندىن ئاشۇرغان شەكىلدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.
پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقىمىز خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئىتتىپاقلىشىپ بىرلىشىشنىڭ نېمىلىكىنى يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ قويدى.
بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئاساسلىقى خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشى قىرغىن قىلىش سىياسەتلىرى، جازا لاگىرلىرىنى تاقىتىش، باش مەسئۇللىرىغا ماگنىتىسكى قانۇنى بىلەن جازا يۈرگۈزۈش، خىتاينى تېخنىكا بىلەن تەمىنلىگەن شىركەتلەرنى جازالاش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىشغال زېمىنى ئىكەنلىكنى قوبۇل قىلدۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەر بىلەن باشلانغان ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ