ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقىمىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش!

خەلقىمىزگە ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش!
خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى تىرىك شاھىتلار ئارقىلىق ئىسلام دۇنياسى ۋە خەلقئاراغا تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا ئاگېنتلىقى قارمىقىدىكى ئىستىقلال تېلېۋىزىيىمىز خەلقئارادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق قاناللار بىلەن خىزمەت ھەمكارلىقى ئورناتتۇق.
بۇ خىزمىتىمىزنىڭ كۈچلۈك ھالەتتە روياپقا چىقىشى ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خۇسۇسەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنى يېقىندىن ھەمكارلىشىشقا ۋە گۇۋاھلىق بېرىش ھەرىكىتىگە چاقىرىمىز.
پروگراممىغا قاتناشقۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان شەرتلەر:
1 - ۋەتەن ئىچىدە ئۆزى تۈرمىدە يېتىپ زۇلۇم چەككەنلەر ياكى يېقىن ئۇرۇق – تۇققانلىرى تۈرمىدە بولغانلار
2 - ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئۆزى چەتئەلدە يولدىشى ۋەتەندە تۈرمىدە بولغانلار.
3 - ئاتا – ئانىسى ياكى ئىككىسىنىڭ بىرى ۋەتەندە تۈرمىدە ياكى جازا لاگېرلىرىدا بولۇپ چەتئەلدە يېتىملىق چىكىۋاتقان سەبى بالىلار.
4 - بۇرۇن خىتاينىڭ دۆلەت ئورگانلىرىدا ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ئىجرا قىلىۋاتقان جىنايەتلىرىگە بىۋاستە شاھىد بولغانلار.
5 – تۈرمىگە كىرمىگەن بولسىمۇ خىتاينىڭ بىۋاستە زۇلۇمىغا ئۇچرىغانلار.

يۇقىرىدىكى شەرتكە چۈشكەن قېرىنداشلارنىڭ دەرھال بىز بىلەن ئالاقە قىلىشىنى ۋە بۇ مۇھىم خىزمەتكە ھەسسە قوشۇشنى ئىسلامى ۋە مىللىي مەسئۇلىيىتىم دەپ تونۇشىنى ئالاھىدە ئۈمىد قىلىمىز.
تۈركىيىنىڭ باشقا شەھەرلىرىدە بولۇپ، مەركىزىمىزگە كېلىشتە قىيىنچىلىقى بولغانلار ئۈچۈن ماددى جەھەتتىن ھەمكارلىشىمىز.
ھۆرمەت بىلەن:
شەرقىي تۈركىستان ئاخبارات ۋە مېدىيا ئاگېنتلىقى
ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى
ئالاقىلىشىش تېلېفۇن نومۇرى: 05538951933
ئېلخەت ئادرىسى: turkistanbasinmedia@gmail.com


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ