ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقئارا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-03 11:25:05 جەمئى 1051 قېتىم ئوقۇلغان.

خەلقئارا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى

خەلقئارا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلدى
2- نويابىر 27- قېتىملىق خەلقئارا مۇسۇلمان جەمئىيەتلەر بىرلىكى قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدىكى ۋاۋ مېھمانخانىدا ئېچىلدى.
قۇرۇلتاينى ئىقتىساد ۋە ئىجتىمائىي تەتقىقات مەركىزى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، قۇرۇلتايغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان جەمئىيەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. قۇرۇلتاي 2- ۋە 3- نويابىر ئىككى كۈن داۋام قىلدى.
قۇرۇلتايغا شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركسىتان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى قوشۇمچە شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
قۇرۇلتايدا ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقى، خەلقئارادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ، ئسلام دۇنياسىدا كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق چارىلىرى قاتارلىقلار مۇزاكىرە قىلىندى.
قۇرۇلتايدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى، قوشۇمچە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايىتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:
ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرى 70 نەچچە يىلدىن بىرى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ھەر خىل باستۇرۇۇش ۋە ئاسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە كەمسىتىشى ئىچىدە ئۆتىۋاتىدۇ. يېقىندىن بىرى خىتاينىڭ « بىر بەلۋاغ، بىر يول » سودا پىلانىنىڭ ئۇتتۇرىغا چىقىشى بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشى ئېغىرلىشىپ ئىرقى قىرغىن قىلىنىش دەرىجىسىگە يەتتى. خىتاي شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى مەجبۇرى خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا، ئاتالمىش « قوشماق تۇغقان » نامى ئاستىدا خىتايلار بىلەن مۇسۇلمانلارنى بىر ئۆيدە ئولتۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. سەۋەبسىز نەچچە مىليون مۇسۇلماننى لاگېرغا تۇتقۇن قىلدى. خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇشلىرىنى كۆرگەن غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىدى. بىراق كۆپ سانلىق ئىسلام ئەللىرى ئاڭلىماق، كۆرمەس بولىۋالدى. ئەسلىدە دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىن قىلىنىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ياردەم قىلىش ئىمانى مەجبۇرىيتى ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ