ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقئارالىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-13 10:59:42 جەمئى 849 قېتىم ئوقۇلغان.

خەلقئارالىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى

خەلقئارالىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى

12-ئاپرېل ئاۋسترالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىدە ئۇيغۇر خانىم-قىزلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇردى.
ئاۋسترالىيەدە ياشاۋاتقان خانىم-قىزلار ئالاھىدە تەييارلىق بىلەن قاتناشقان بۇ مەدەنىيەت كۆزگەزمىسىگە ئۇيغۇرلاردىن چىققان مەشھۇر شەخسلەرنىڭ سۈرەتلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرخىل دوپپا، كانۋاي كۆينەك، ئائىلە جابدۇقلىرى كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزگىچە مەدەنىيىتى نامايان قىلىندى.
پائالىيەتتە يەنە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش، قىرغىن قىلىش جىنايەتلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سۈرەتلەر كۆرگەزمىگە قويۇلۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى سۈپىتىدە ساڭزا، پولو قاتارلىق يېمەكلىكلەر تەييارلىنىپ، زىيارەتكە كەلگەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ