ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خەلقئارادا شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش ھەرىكىتى باشلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-16 15:08:12 جەمئى 13284 قېتىم ئوقۇلغان.

خەلقئارادا شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش ھەرىكىتى باشلاندى

خەلقئارادا شى جىنپىڭنىڭ يۈزىگە قارا سۈركەش ھەرىكىتى باشلاندى
15- ئىيۇل گوباۋشىڭ سىياسى مۇلاھىزە قانىلىدا بىلدۈرۈلىشىچە، خەلقئارادىكى بارلىق خىتاي پۇقرالىرى شى جىنپڭنىڭ سۈرىتىگە قارا سۈركەش پائالىيىتى ئېلىپ بارغان.
شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىگە قارا سۈركەش ھەرىكىتىنى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى دۇڭياۋچۇ ئىسملىك ئايال شاڭخەيدە باشلىغان. ئۇ شى جىنپىڭنىڭ باستۇرۇش، خەلقكە زىيانكەشلىك قىلىش سىياسىتىگە قارشىلىقىنى بىلدۈرۈپ شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىگە قارا سۈركىگەن ھەمدە خىتاي ساقچىلىرى شۇ كۈنى دۇڭياۋچۈنى ۋە ئۇنىڭ دادىسىنى تۇتقۇن قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاش خىتاينىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي پۇقرالىرى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىگە قارا سۈرتۈش ھەرىكىتىنى باشلىغان. مەزكۇر ھەرىكەت خىتاي ئىچىدىمۇ مەخپى ھالدا داۋام قىلماقتا ئىكەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بېيجىڭدا مەخپى ھالدا قارا سۈرتۈلگەن شى جىنپىڭنىڭ سۈرەتلىرى. مەلۇم مەكتەپ دەرۋازىسى ئوستىدىكى شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن تاختاينى ئېلىۋەتكەن.
مۇلاھىزە خەۋىرىدە يەنە، بىرى قانچە كۈندىن بىرى خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «خەلق گېزىتى»نىڭ ئۈچ كۈنلۈك سانىدا شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتى چىقىرىلمىغانلىقىنى، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىچىدىكى ئىچكى زىددىيەت سەۋەبىدىن شى جىنپىڭ جاڭزېمىن بىلەن خۇجىنتاۋ گورۇھى تەرىپىدىن ئورۇن بوشىتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ