ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىرىستىيان مۇرىتى لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-02-14 16:13:20 جەمئى 3562 قېتىم ئوقۇلغان.

خىرىستىيان مۇرىتى لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى

خىرىستىيان مۇرىتى لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىدى
زىمىستان تورىنىڭ 14-فېۋرال بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان خىرىستىيان مۇرىتى لاگېرنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىغان.
2017-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم لاگېرغا قامىلىپ، ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن خىرىستىيان مۇرىتى زىمىستان تورى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ ئۆكتەملىكىگە قارشى تۇرۇپ، ئېتىقادىدا چىڭ تۇرغانلىقى سەۋەبلىك «ئەسەبىي» دەپ تۆھمەت قىلىنىپ، ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپتىن ئۆتكۈزۈلمەي تۇتقۇن قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مەلۇم لاگېرغا سولانغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلار تەشۋىق قىلىۋاتقان ئاتالمىش «تېخنىك تەربىيەلەش مەكتىپى» دېگەن ئورۇننىڭ تۈرمە بىلەن ھېچقانداق پەرقى يوقلۇقىنى، بۇ يەردىكى تۇتقۇنلارنىڭ قوراللىق نازارەت قىلىنىدىغانلىقىنى، ئۇ قامالغان لاگېردا 300 گە يېقىن كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئاز نىسبەتتە قازاقلارنىڭمۇ بارلىقىنى، 28 كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى كامېردا 20 گە يېقىن كىشى قىستىلىپ ياتىدىغانلىقىنى، ھاجەتخانا، تاماق يېيىش ئورنى، ئۇخلاش ئورنى بىر كامېردا بولۇپ، مۇھىتنىڭ ئىنتايىن ناچار ئىكەنلىكىنى، ھاجەتخانا كامېر ئىچىدە تۇرۇپمۇ، ھاجەت قىلىش ئۈچۈن دوكلات قىلىشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئۇ يەنە مۇخبىرغا لاگېر تۈزۈمىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنى، گۇندىپايلار ھەرۋاقىت تۇتقۇنلارنىڭ كۆزىگە كىرىشىۋېلىپ ئازابلايدىغانلىقىنى، داۋاملىق قىيناش ۋە ھەرخىل ئېغىر بېسىملار سەۋەبلىك، نۇرغۇن تۇتقۇنلارنىڭ يۈرەك كېسىلى، قان بېسىمى بولۇپ قالغانلىقىنى، ھەتتا نۇرغۇن تۇتقۇنلار گۇندىپايلارنىڭ قاتتىق قىينىشى، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان تۈزۈملەر بىلەن خورلىشى سەۋەبلىك ئەقلىدىن ئادىشىپ قالغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنىڭ تۇغقانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە يىغلاشقا، راست گەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقىنى، كۆرۈشكەندە پەقەت تاماقنىڭ، ئوقۇشنىڭ ۋە ياتىدىغان ئورۇننىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، گۇندىپايلارنىڭ ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىقى، تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ھەققىدە يالغان گەپ قىلىشقا مەجبۇر قىلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ