ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي 1980- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىنى جىنايەتچى ھېسابلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-20 11:15:25 جەمئى 6071 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي 1980- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىنى جىنايەتچى ھېسابلىدى

خىتاي 1980- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىنى جىنايەتچى ھېسابلىدى
19- ئىيۇن china id تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي رىجىمى 1980- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ ھەممىنى جىنايەتچى ھېسابلاپ كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلدى.
قارقاش ناھىيسى چىنىۋاغ يېزىلىق ساقچىخانىسىنىڭ ئسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ساقچىسى مەلۇم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى ئۆسۈپ يېتىلگەن يىڭى شەھەر كەنتىدە قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، مەزكۇر يېزىدىكى %40 ئادەمنىڭ ئاتالمىش «تەربىيىلەش لاگېرى»غا قامالغانلىقىنى، كەنت ئىچىدە ئايال ۋە بالىلار قالغانلىقىنى، ئەرلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاياللارنىڭ ئەرلەرنىڭ ئورنىدا ئېتىزلاردا ئىش قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئېتىز ئىشلىرىغا ئاياللار يېتىشەلمەي ئائىلىدىكى ئۆسمۈرلەرمۇ ياردەم قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى، ئادەم قالمىغان ئائىلىلەرنىڭ يەرلىرى باشقىلارغا بېرىلگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
مەزكۇر ساقچى يەنە، نۆۋەتتە خىتاي 1980- يىللىرى ۋە 1990- يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ئۇيغۇلارنىڭ ھەممىسىنى «ئىشەنگىلى بولمايدىغان ئادەملەر» قاتارىغا كىرگۈزۈپ، لاگېرغا قالمىغانلىقىنى ئاشكارلىغان.
قارقاش ناھىيىسى ئاقساراي يېزىسىدىن بىر كىشى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2017- يىل ئاخىردا ھەر قايسى يېزا ئەمەلدارلىرى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرلىرى تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەن %40 ئادەمنى ئاتالمىش« تەربىيىلەش لاگېرى»غا قاماش ھەققىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ