<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي ۋە ياپونىيە ئارىسىدا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرەمدۇ؟

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2016-08-16 14:42:37 جەمئى 9635 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرى: «ياپونىيە يېڭى مىلىتارىزم يولىدا مېڭىۋاتىدۇ»

خىتاي تاراتقۇلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مىلىتارىزم يولىدا مېڭىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا پات يېقىندا ھەربىي توقۇنۇش يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

16- ئاۋغۇست، خىتاي «سىنا» تورىنىڭ ھەربىي ئىشلار سەھىپىسىدە «ياپونىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا كېلەر يىلى كەسكىن كۈچ سىنىشىش پارتلىشى مۇمكىن، خىتاي ياپونىيەنى دياۋيۈ ئارىلىدىن تەلتۆكۈس قوغلاپ چىقىرىشى لازىم» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان. ماقالىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يېڭى مىلىتارىزم يولىدا مېڭىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىلا ئەمەس، ئابى شىنزو ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە تېخىمۇ روشەن ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە ياپونىيەنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيانى قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسىگە ماسلىشىپ، خىتاينى چەكلەيدىغان پائالىيەتلەرنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان. ئاخىرىدا، «خىتاي ۋە ياپونىيە ئارىسىدا 2017- يىلى كەسكىن كۈچ سىنىشىش پارتلاش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن چوڭ. گەرچە بۇ كۈچ سىنىشىشنىڭ ھەربىي توقۇنۇش بولۇشى ناتايىن بولسىمۇ، لكېىن شۇنىڭغا ناھايتى يېقىنلىشىشى مۇمكىن» دېيىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇپ چەكلىشىنىڭ ئاساسى تىكلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزگىرىش مۇمكىنچىلىكى كىچىك ئىكەن. چۈنكى بۇ مەلۇم بىر شەخس ياكى سىياسىي پارتىيە تەرىپىدىن بەلگىلەنمىگەن، بەلكى بۇ خەلقئارادىكى چوڭ مۇھىت ۋە ياپونىيە دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ مۇھىتنىڭ سىياسىي تاللىشى ئىكەن. ياپونىيەنىڭ يېڭى مىلىتارىزم يولى 2010- يىلى ئېچىلغان بولۇپ، ئابى شنزو ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن كېيىن تېخىمۇ تىزلەشكەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ كۈچى ئارقىلىق خىتاينى چەكلەش ۋە ئامېرىكىغا ماسلىشىش ئۈچۈن ئاساسىي قانۇننى ئۆزگەرتىشى لازىم ئىكەن. ياپونىيە ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارسا ھەربىي قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرالايدىكەن. شۇنداقلا ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ياپونىيە خەلق ئارمىيىسىگە ئايلىنىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە دۇنيانىڭ خالىغان يېرىدە ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىكەن.

ماقالىدە، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا سوتنىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى دىلوسىغا چىقارغان ھۆكۈمنى قوبۇل قىلىشى،  گ 7 تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە گ 7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا بايانات ئېلان قىلىشى، ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن بىرلىكتە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى قاتارلىقلار ياپونىيەنىڭ خىتايغا قارشى «ئىغۋاگەرچىلىك» ھەرىكەتلىرى دەپ قارالغان.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ياپونىيەگە قارىتا ھۇجۇمغا ئۆتۈشى مۇقەررەرلىك ئىكەن.  يەنە بىر تەرەپتىن، ياپونىيە 2017- يىلى ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئومۇمىي خەلق ئاۋازىغا قويىدىكەن. يەنە بىر تەرەپتىن، 2017- يىلى ئامېرىكا يېڭى پرېزىدېنتىنىڭ تۇنجى يىلى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ۋە ئاقساراينىڭ يېڭى خوجايىنىنىڭ خىتايغا قارىتا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتىدىغانلىقىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، خىتايغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىك پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىدىكەن. بۇ ئۈچ ئامىلنى بىرلەشتۈرگەندە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى خىتاي ۋە ياپونىيە ئارىسىدا ئەڭ كەسكىن قارشىلىشىشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھتىماللىقى چوڭ ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئەتراپتىكى ئاراللارنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قىرغاقتىن پاراخۇتقا قارىتا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا ياساش پىلانىمۇ خىتاي تاراتقۇلىرىدا «يوشۇرۇن ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش» دەپ ئەيبىلەنگەن.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ 14- ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، باشقۇرۇلۇدىغان بومبىنىڭ ئالدىن مۆلچەرلەنگەن مۇساپىسى 300 كىلومېتىر ئىكەن. ياپونىيە ھۆكۈمىتى مىياكو جىما قاتارلىق ئاراللارغا باشقۇرۇلۇدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، بومبىلارنىڭ مۇساپىسى سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ئەتراپتىكى دېڭىز تەۋەلىكىنى قاپلايدىكەن. ھۆكۈمەت باشقۇرۇلۇدىغان بومبا چىقىمىنى 2017- يىللىق مۇداپىئە خامچوتىغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، 2023- يىلىغىچە ئورۇنلاشتۇرۇش تاماملىنىدىكەن.

دىلشات سۇلتان


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ