ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي گېنېرالنىڭ تۈركىيىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇيغۇرلار...

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-14 21:14:07 جەمئى 5719 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي گېنېرالنىڭ تۈركىيىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇيغۇرلار...

خىتاي گېنېرالنىڭ تۈركىيىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە ئۇيغۇرلار...
ئارسلان بۇلۇت
ئاخىرقى ئايلاردا خىتاينىڭ «شىنجاڭ» دەپ ئىسىم قويۇۋالغان شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىمى ھەققىدە خەۋەرلەر كۆپىيىشكە باشلىدى. دەسلەپ ئامېرىكىغا قاراشلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتايدىكى ئىككى مىليون تۈركنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خەۋەرلەر كېيىن تۈركىيىگىمۇ يېتىپ كەلدى. كېيىنكى كۈنلەردە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ ئۈچ مىليونغا يەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. بۇ خەۋەر ۋە تارقىلىۋاتقان سۈرەتلەر ھەقىقەتەن ئادەمنى بەكمۇ كۆڭۈلسىز قىلىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن سىستېمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. ھەتتا ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمى ئىسرائىلنىڭ پەلەستىندە يۈرگۈزۈۋاتقان تېررورلۇق ھەرىكىتىدىنمۇ ئېغىر.
خىتاي ئالغان ھەر بىر قەدىمىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارماقتا. «بىر بەلۋاغ، بىر يول» پىلانىمۇ ئۇنىڭ مۇھىم قەدەملىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا بولسا خىتاينىڭ تەرەققى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكىدا ھەتتا «سۈرگۈندىكى شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى» مۇ قۇرۇلدى. بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ۋاھھابىلىك ئېقىمىنىڭ پەيدا بولىشى، ئامېرىكا- سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئورتاق پىلانىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خۇلاسە قىلغاندا بۇ يەردە تەربىيىلىگەن رادىكال ھەرىكەتلەر سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا 10 مىڭ كىشىلىك بىر قوشۇن ئەۋەتەلىگىدەك بىر سەۋىيىگە يەتتى. بۇ قىسىمى ھازىرمۇ ئىدلىبتە. خىتاي بۇ تەشكىلاتتىن قورقىدۇ. ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارنى تامامەن يوقىتىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان بارلىق ھەرىكەتلىرىنى تېرورىستلارغا قارشى تۇرۇش، دېگەن باھانە بىلەن ئېلىپ بارماقتا.
كوممىنىست خىتاي، شەرقى تۈركىستان دۆلىتى مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىشغال قىلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى ئىنساننىڭ ئەقلىگە، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلمەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن قىيىن- قىستاقلارغا ئېلىشقا باشلىدى. كېيىن بۇ خىل ۋەھشىلىكلىرىنى توختاتقاندەك قىلدى. ئەمما خىتاي ۋەھشىلىكلىرىنى ئۆزگەرتكەندەك قىلغان پەيتتە زۇلۇم قىلىش يېڭىدىن باشلاندى.
تۈركىيە، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىغان بولسا، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ پايدىسىغا يول ئېچىلىش ئېھتىمالى بار ئىدى. ئەمما، بەكمۇ ئەپسۇسكى، خىتاينىڭمۇ، تۈركىيىنى باشقۇرۇۋاتقانلارنىڭمۇ مۇنداق نىيەتلىرى يوق... تېخىمۇ يامان بولغىنى تۈركىيەنىڭ خىتاي گېنىرالى Liu Yazhou تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «غەرب رايونى چۈشەنچىسى»گە ئەگىشىشتۇر. Liu Yazhou ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ماقالىسىدە، شەرقى تۈركىستاننى «غەرب» دەپ ئاتايدۇ ۋە «دىققىتىمىزنى غەربكە قارىتىش پەقەت ئىستراتېگىيىلىك بىر پىلانلا بولۇپ قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا ئۈمىدىمىز ھەتتا كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك» دەيدۇ. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلگىنىمىزدە بىزنىڭ نەزىرىمىز ئالدى بىلەن رۇسىيە ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش رەقىبلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئەمما كەڭ دائىرىلىك قىلىپ ئېيتساق بىزنىڭ دۈشمىنىمىز قانداقتۇر رۇسىيە ياكى ئامېرىكا ئەمەس، دەل تۈركىيە!» دەيدۇ. ئۇ خىتاي خەرىتىسىنى، «بىر قانىتى تىنچ ئوكيانغا، يەنە بىر قانىتى ئوتتۇرا ئاسىياغىچە سۇزۇلغان بىر قۇشقا ئوخشىتىدۇ. شەرقى تۈركىستاننى بولسا قانات كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشنىڭ گەۋدىسىگە ئوخشىتىدۇ. دېمەك، خىتاي بۇ زىھنىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ. ئامېرىكا بولسا خىتاينىڭ دۇنيانى باشقۇرىدىغان بىر كۈچ بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلانماقچى بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينى تىزگىنلەش ئۈچۈن تىجارەت ئۇرۇشى قوزغىماقچى بولىۋاتىدۇ.
خىتاي سىستېمىلىق ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى سەرخىللىرىنى، بايلىرىنى، سەنئەتچىلىرىنى... تۇتقۇن قىلماقتا. چەتئەلگە چىقىپ كەتكەن بولسا يېقىن ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئالماقتا. مەسىلەن: شەرقى تۈركىستاندا مەخمۇت كېرىم ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر باينىڭ 2 رېستۇرانى بولۇپ، بۇ رېستورانلىرىدا 200 كىشى ئىشلەيتتى. بۇ كىشى 2016- يىلى رېستورانىنى بىر قېرىندىشىنىڭ ئوغلىغا تاپشۇرۇپ، تۈركىيەگە كېلىپ يەنە بىر ئاشخانا ئاچقان ئىدى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بۇ كىشىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى رېستۇراننى باشقۇرۇشقا تاپشۇرغان قېرىندىشىنىڭ ئوغلى بىلەن ئۇ رېستۇرانلاردا ئىشلەۋاتقان 200 ئىشچىنىڭ ھەممىسى تۇتقۇن قىلىندى. مەخمۇت كېرىم ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندىن كېيىن 10- ئاينىڭ 30- كۈنى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئىستانبۇلدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، بىر قانچە كۈن نازارەت قىلىنغاندىن كېيىن چاتالچىدىكى «قايتۇرۇۋېتىش مەركىزى»گە، بۇ جايدىن يەنە ئىزمىردىكى ئوخشاش بىر مەركەزگە ئەۋەتىلدى. بۇ كىشىنىڭ نېمە ئۈچۈن «قايتۇرۇۋېتىش مەركىزى»گە قامالغانلىقى سورالغاندا، گۇمانلىق ئىكەنلىكى ئېيتىلدى ئەمما ھېچقانداق ئىزاھات بېرىلمىدى! ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ كىشىنى تۈركىيىدە ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىغان ئەلچى دەرىجىلىك بىر ئۇيغۇرنىڭ چېقىشتۇرغانلىقى گۇمان قوزغىماقتا. دېمەككى، مەخمۇت كېرىمنىڭ گۇناھى بۇ ئادەمگە تەۋە بولمىغانلىقى ئىكەن. ما ئىشقا قاراڭلار! مەخمۇت كېرىم ئەگەر خىتايدا بولغان بولسا تۇتقۇن قىلىنىپ جازا لاگېرلىرىغا ئېلىپ كېتىلەتتى، تۈركىيىدىمۇ يەنە ئوخشاشلا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلدى. تۈركىيىمۇ بۇ كىشىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلىدۇ!
تۈركىيە ئەسلىدە فەتو «FETÖ»چىلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش جەريانىدا، چېقىشتۇرۇپ ئېيتىلغان خەۋەرلەرنىڭ راست- يالغانلىقىنى ئېنىقلاشتا كۆپلىگەن تەجرىبىلەرگە ئىگە بولغان بىر دۆلەت ئىدى. ئەگەر تۈركىيە قانداقتۇ سەۋەب كۆرسىتىپ بىرەر كىشىنى بولسىمۇ خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرسە تۈركىيىنىڭ بۇ ئىشىنى ھېچكىم قوبۇل قىلالمايدۇ.
خىتاي مانا مۇشۇنداق رەزىل قىلمىشلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تۈركلىرىگە، «تۈركىيىگە بېرىۋالساڭمۇ قولىمىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن» دەپ سىگنال بەرمەكچى. مىليونلارچە سۈرىيەلىكنى باغرىغا باسالىغان تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئازغىنا قېرىنداشلىرىغا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلسا بولامدۇ؟

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ