ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي پوقرالىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇپ خاتىرجەم ياشاش ئويىغا كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-28 15:37:26 جەمئى 7136 قېتىم ئوقۇلغان.

شەرقىي تۈركسىاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي پوقرالىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقۇتۇپ بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا خاتىرجەم ياشاش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي پوقرالىرىمۇ ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇپ خاتىرجەم ياشاش ئويىغا كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى
28- نويابىر شەرقىي تۈركسىاندىن ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي پوقرالىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقۇتۇپ بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا خاتىرجەم ياشاش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ئاشكارىلاندى.
ئۇچۇردا مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى يېقىندىن بېرى ئايرودروم، پويىز ۋوگزالىدا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان تەكشۈرۈش پونكىتلىرى مەيدانغا كەلدى، بۇ پونكىتلىرىغا يېقىدىن بىرى ئالاھىدە ئۈسكىنىلەرنى سەپلىدى. ئۇيغۇرلارنى قارڭغۇ ئۆيلەرگە ئەكىرىپ تەكشۈرىدۇ. ئۇ ئەسۋابلاردا رادىئاتسىيە بەك كۈچلۈك، ياشانغانلار ۋە بالىلارغا ئېغىر ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىش مۆلچەرلەنمەكتە.
خىتاي ئىسلام ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىشى تەشۋىقاتى يانڧۇن، تور بەت، مەكتەپلەردىكى كىتاب، گېزىت – ژۇرنال قاتارلىقلارنىڭ ھەممىنى ئىگىلەپ بولدى. خىتاي پۇقرالىرىمۇ تەشۋىقاتلارنى كۆپ ئاڭلاپ خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەقلىق ئىكەن دېگەن يەرگە كەلدى. نەتىجىدە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ماسلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يوقۇتۇپ بولۇپ ئاندىن خاتىرجەم ياشاش ئىستىكى تېخىمۇ كۈچەيدى.

ئۇچۇردا يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى:
تەربىيىلەش لاگىرىدىكى تۇتقۇنلارغا لاگىردا تۇرۇش ۋاقتى ئېنىق ئۇقتۇرۇلغان ئىدى بىراق ۋاقتى توشۇپ ھازىرغا قەدەر چىقىپ كەتكەنلەر يوق. بۇ جەھەتتە خىتاي تۇتقۇنلارنى ئالدىغان ئىكەن. بىزگە كەلگەن خەۋەرلەردە، قەشقەر شەھىرىگە قاراشلىق بىر قانچە لاگېردا ئىش چىقىپتۇ. شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئۇيغۇرلارنى جەمئىيەتكە قويۇپ بېرىشتىن ئەنسىرەۋاتىدۇ. بۇنداق بولۇشىدا خىتاي بىر قىسم تۇتقۇنلارنى ئائىلىسىگە ئۇقتۇرماي كېسىپ تۈرمىگە يوللىۋەتتى. بىر قسىم كىشىلەر لاگېردا ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ جاۋابىنى قانداق بېرىشىتن قورقۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ