ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 3- سېنتەبىر پەيشەنبە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش ھەربىي پاراتىدا، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان بۇ ھەربىي پاراتىغا غەرب رەھبەرلىرى ئاساسەن قاتناشمىغان. پاراتتا شى جىنپىڭ خىتاي ئارمىيىسىنىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكەر سانىنىڭ ھازىرقى 2 مىليون 300 مىڭدىن قىسقارتىلىپ 2 مىليونغا چۈشۈرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. لېىن ئۇ بۇ  قىسقارتىشنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

خىتاي سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئانالىزچىلار خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى ھەققىدە ئوخشىمىغان تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بەزى ئامېرىكىلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىمۇ شى جىنپىڭنىڭ نۇرغۇن دۈشمەنلىرى يوقىتىلغان. شى جىنپىڭ، گو بوشيوڭ ۋە شۈسەيخوۋ قاتارلىق ئارمىيە ئىچىدىكى كاتتىباشلارنى يوقىتىپ، ئارمىيىنىڭ ھوقۇقىنى مەركەزنىڭ قولىغا ئېلىۋالغان. گەرچە شى جىنپىڭ كونا دۈشمەنلىرىنى يوقاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتايدا پارىخورلۇق مەسىلىسى ئومۇمىيۈزلۈك ساقلانغان بولغاچقا، ئارمىيە ئىچىدە شى جىنپىڭغا قارشى كەيپىيات شەكىللەنگەن. شى جىنپىڭنىڭ ئەسكەر قىسقارتىشى نۇرغۇن ھەربىي ئەمەلدارلارنى ھەربىي سەپتىن چېكىنىش ياكى ھەربىي سالاھىيىتىنى بىكار قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ۋەزىپىسىدىن ئايرىشى مۇمكىن.

شى جىنپىڭ ھەربىي پاراتتا قىلغان سۆزىدە يەنە خىتاينىڭ قېلىپلىشىپ كەتكەن دىپلوماتىيە ئاتالغۇلىرىنى ئشلىتىپ، خىتاينىڭ سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەسئۇد


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ