<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتماقتا

خىتاي مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى ساتماقتا
7- ئىيۇل داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، 2- ئىيۇل ئىسپانىيە مادرىتتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئادەم ئورگانلىرىنى يۆتكەش يېغىنىدا، خىتاينىڭ مەھبۇسلارنىڭ ئىچ ئەزاسىنى مەجبۇرى ئېلىۋىلىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلىش مەركىزى «خىتاي ئىسلاھات نامى بىلەن ئادەم ئىچ ئەزاسىنى قالايمىقان ئېلىپ سېتىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» تېمىسىدا دوكلات ئېلان قىلغان.
دوكلاتتا مۇنداق دىيىلگەن:« 2000 – يىلدىن ئىلگىرى ئادەم ئىچ ئەزايىنى تەقدىم قىلىدىغانلار ئىنتايىن كەم بولغان خىتايدا 2000- يىلىدىن كېيىن بىراقلا ئۆزگۈرۈش بولۇپ ئىچ ئەزا يۆتكەش ئوپىراتسىيىسى قىلش كۆلىمى ۋە قېتىم سانى خەلقئاردا ئالدىنى ئورۇنغا ئۆتكەن. 2006- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىچ ئەزا يۆتكەپ سېتىش قارا قوللىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىنمۇ خىتاي بۇ ھەرىكەتنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. يېقىندا قولغا كەلتۈرگەن ئىسپاتلارغا ئاساسەن خىتايدىكى ئىچ ئەزايىنى ئىختىيارى تەقدىم قىلىدىغانلارنىڭ سانى ئەمەلى يۆتكەلگەن ئىچ ئەزالارنىڭ سانىدىن كۆپ ئاز چىققان . يېقىندا ئېگىلگەن ئىسپاتلاردا خىتايدىكى ئىچكى ئەزا يۆتكەش سانائىتىنىڭ زورىيىپ مەنبەسىنى بىلگىلى بولمايدىغان ئىچى ئەزا سودىسىنىڭ ئوتتۇرىغان چىقىشى خىتاينىڭ ۋىجدان مەھبۇسلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئەزا كۆچۈرۈشكە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ»
كانادالىق ئادوكات(David Matas) يىڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ئىچكى ئەزا يۆتكەش ئوپېراتسىيىسىگە ئىشلىتىۋاتقان ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى پالۇنگۇڭ ئەزالىرى ، ئۇيغۇرلار، تىبەت ۋە خرىستىيان مۇرىتلىرىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ