ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مېڭ خوڭۋىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-08 15:59:58 جەمئى 1659 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي مېڭ خوڭۋىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي مېڭ خوڭۋىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى

8- ئۆكتەبىر يېڭى ئاكت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشچە، خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنسىتىرلىقى مېڭ خوڭۋىينىڭ « چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ » نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى ئوقتۇرغان.

خەۋەردە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى – ئىنتېرپول باش كاتىپلىق ئىشخانىسى، «7 – سېنتەبىردە فىرانسىيەنىڭ ليون شەھىرىدىكى ئىنتېرپول باش كاتىپلىق ئىشخانىسى، بايانات ئېلان قىلىپ،  مېڭ خوڭۋېينىڭ ئىنتېرپول باشلىقلىقىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، ئىنتېرپولنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن يېڭى باشلىق سايلىنىپ بولغۇچە ئىجرائىيە ئورگىنىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم ئەزاسى سۈپىتى بىلەن جەنۇبىي كورېيەلىك كىم جوڭياڭنىڭ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى، 18  - 21 – نويابىر كۈنلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي كېڭەش يىغىنىدا يېڭى باشلىقنىڭ سايلىنىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە يەنە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى (ئىنتېرپول) باشلىقى مېڭ خوڭۋېينىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى شۈبھىسىگە ئاساسەن تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى، مېڭ خوڭۋېينىڭ «چىرىكلىك جىنايىتى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ» نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، جامائەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مىنىستىرى جاۋ كېجىنىڭ سابىق ئىنتېرپول باشلىقى مېڭ خوڭۋېينىڭ تەكشۈرۈلۈشى توغرىسىدا پارتىيە كومىتېتى بىلەن يىغىن ئاچقانلىقى ۋە كومىتېتنىڭ مېڭ خوڭۋېينىڭ تەكشۈرۈلۈشىنى تولۇق قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى بىلدرۈرۈلگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ