ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىدى

خىتاي مۇسۇلمانلارنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىدى
9- ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنى چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىغان.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئادەمنىڭ ئەقىلىگە سىغمايدىغان ھەر خىل تۆھمەتلەر بىلەن بىر قىسمىنى تۈرمىگە، بىر قىسمىنى ئاتالمىش « تەربىيىلەش مەركىزى » نامىدىكى لاگىرلارغا تۇتقۇن قىلىپ، ئائىلىلەرنى ئورنىنى تولدۇرغۇسىز ھالدا ۋەيران قىلىپ نامرات قىلىشقا باشلىغان بىر پەيىتتە، ياسالما ئۇچۇرلار بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى بۇراش ۋە ئالداش ئۈچۈن، ئاتالمىش «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا باشلىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بولغان ئىدى.
9- ئۆكتەبىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى دېھقان، چارۋىچىلارنى ئاتالمىش « نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش » نامى بىلەن چوشقا بېقىشقا مەجبۇر قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.
خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60 –يىللىرىمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەقىدىسى ۋە ئىرادىسىگە قارشى كېلىدىغان ئىشلارغا ۋە چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىغان بولۇپ، خىتاي تارىختا ئېىلىپ بارلىق قىرغىنچىلىقنى يەنە تەكرار يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ