<>

ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي كوممۇنىستلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-27 11:54:44 جەمئى 16148 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي كوممۇنىستلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا

خىتاي كوممۇنىستلىرى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا
26- ئاۋغۇست داجىيۈەن تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۇيغۇر تىجارەتچى مۇھەممەت ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسم) بىر قانچە يىل شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش سەۋەبىدىن قىرغىزىستانغا قېچىپ كەلگەن بولسىمۇ بىراق قىرغىزىستان ساقچلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەھدىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.
«پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، مۇھەممەت ئۆتكەن يىلى 7- ئايدا قىرغىز ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئالتىنچى قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. قىرغىز ساقچىسى ئۇنى بىخەتەر بىر زالغا ئېلىپ بارغان ھەمدە ئۇنىڭغا بىر ئورۇندا تۇتۇپ سولانغان 70 ئۇيغۇرنى كۆرستىپ ئۇنىڭغا قورقاق سالغان. ئۇ يەردىكى بىر ئەمەلدار ئۇنىڭغا :«مەن خىتاي ۋەكىلى سەن تىزىملىكتىكىلەر ئىچىدىكى بىرىسى، تىزىملىكتە تۇتۇپ خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلمەكچى بولغان 123 كىشى» دېگەن. مۇھەممەت ساقچىلارغا 5000 دوللار پارا بەرگەندىن كېين قويۇپ بېرىلگەن.
خىتاي كوممۇنىستلىرى زۇلمىدىن قېچىپ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ۋاستىلار بىلەن بېسىم ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرغان.
ئېگىلىنىشىچە، ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاندا خىتاي ساقچلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى تۇتقانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. چۈنكى يېقىندىن بىرى نۇرغۇن كىشى تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ئىز- دېرىكى بولمىغان.
ئۆزنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، « ئۆزنىڭ بىر دوستىنىڭ بارلىقىنى، قىرغىزىستاننىڭ بېشكەكتىكى بازاردىن تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېين شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېردا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.» دېگەن.
مۇھەممەت قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختۇلۇپ، « ئىلگىرى قىرغىزىستاننىڭ مەدىنە بازىرىدا نەچچە مىڭ ئۇيغۇر سودىگەر بار بولۇپ، ئۇلار خىتايدىن ئەزان ماللارنى ئېلىپ كىلپ ساتاتتى بىراق يېقىنقى ئۈچ يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن دۇكانلىرى تاقالدى. مەن ھەر قېتىم ئۇ يەرگە بارغىنىمدا كىشلەرنىڭ نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە خىتايغا قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدىم» دېگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ