ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي قول چوماقلىرى تۈركىيىدە پىتنە ئۇرۇقى چېچىشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-11-28 16:57:13 جەمئى 2566 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي قول چوماقلىرى تۈركىيىدە پىتنە ئۇرۇقى چېچىشقا باشلىدى

خىتاي قول چوماقلىرى تۈركىيىدە پىتنە ئۇرۇقى چېچىشقا باشلىدى 
داۋايىمىزنىڭ يۈكسىلىشى بىلەن ساراسىمگە چۈشكەن خىتاي، بۇرۇن ئۇيغۇرلار نى ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان، مىسىردا تۇتقۇن قىلغانغا ئ‍وخشاش ۋە ئ‍ۆتكەن يىلى مىش مىش پىتنە ئ‍ىغۋا گەپ تارقىتىش ئ‍ارقىلىق مالايسىيە ۋە سەئۇدىدىنمۇ سۈرگۈندە قىلغاندەك ، ئ‍ەمدى تۈركىيەدە ، پىتنە - ئ‍ىغىۋا تېرىپ، خەلق ئ‍ارىسىدا ۋەھىمە ، ئ‍ەندىشە تارقىتىش ئ‍ۈچۈن نۆۋەتتە نىشانىنى تۈركىيەگە قاراتتى، چۈنكى تۈركىيەدە خىتايغا قارشى ئ‍ېلىپ بېرىلغان نامايىشلاردا 5 ، 10 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بىر يەرگە توپلىنىشىدىن ساراسىمغا چۈشكەن خىتاي تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بىرلىشىپ كۈچ ھاسىل قىلىشىدىن ئ‍ۆلگۈدەك قورقۇپ، خەلق ئ‍وتتۇرىسىدا ئ‍ىتتىپاقسىزلىق ئ‍ۇرىقىنى چېچىش، پاتپاراقچىلىق پەيدا قىلىش ئ‍ۈچۈن پۈتۈن ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. قېرىنداشلار ئ‍ۆز - ئ‍ارا بەك دىققەت قىلىش كېرەك. خىتاي ئ‍ۆزىنىڭ قول چۇماقچىلىرى ئ‍ارقىلىق قورقۇ ۋە ئەندىشە پەيدا قىلىشقا ئ‍ورنىۋاتىدۇ، « بىز تۈرك ئ‍ەمەس ئۇيغۇر»، «ئىسلام دىنى ئ‍ىتقادى مۇھىم ئەمەس» ، «شەرقىي تۇركىستان ئ‍ەمەس ئ‍ۇيغۇرىستان »دېگەندەك سەپسەتە، ئ‍ورۇنسىز گەپلەرنى تارقىتىپ كىشىلەرنى مۇشۇ تالاش - تارتىش ئ‍ارقىلىق ئ‍ىختىلاپ پەيدا قىلىشقا، مەۋجۇت بىرلىكنى بوزۇشقا، ھەتتا ئ‍ۆز - ئ‍ارا قارشىلاشتۇرۇشقا ئ‍ورۇنۇپ ھەر خىل سەپسەتىلەرنى كەڭ يايماقتا. داۋانىڭ يۆنىلىشىنى، غايە - مەقسەتلىرىنى، مۇستەقىللىق ئ‍ىدىئ‍ولوگىيە چۈشەنچىىرىمىزنى مالىماتاڭ قىلىشقا ئ‍ورنىۋاتىدۇ.
قاتتىق پەخەس بولايلى قېرىنداشلار، دۈشمەننىڭ دېپىغا ئ‍ۇسۇل ئ‍وينىمايلى، ئ‍ەقىل تەپەككۇرىمىزنى ئ‍ىشقا سېلىپ دۈشمەننىڭ ھىيلە -نەيرەڭلىرىگە ئ‍الدانمايلى. بىرلىكىمىزنى، قېرىنداشلىقىمىزنى بۇزىدىغان گەپ - سۆز ، ئ‍ىش - ھەرىكەتلەردىن ئ‍ۇزاق تۇرايلى. دۈشمەن ھەرگىزمۇ قارا نىيىتىگە يېتەلمەيدۇ.
ئ‍اللاھنىڭ قۇرئ‍ان كەرىمدە بايان قىلغان تۆۋەندىكى ئ‍ايىتىگە دىققەت قىلايلى:
«(ئ‍ى مۇھەممەد ) ئ‍ۆز ۋاقتىدا كاپىرلار سېنى قاماققا ئ‍ېلىش ياكى ئ‍ۆلتۈرۈش، ۋە ياكى (مەككىدىن) ھەيدەپ چىقىرىش ئ‍ۈچۈن ھىيلە- مىكىر ئ‍ىشلەتتى. ئ‍ۇلار مىكىر ئ‍ىشلىتىدۇ، ئ‍اللاھ ئ‍ۇلارنىڭ مىكىرىنى بەربات قىلىدۇ. ئ‍اللاھنىڭ تەدبىرى ئ‍ۇلارنىڭ مىكىرىدىن ئ‍ۈنۈملۈكتۇر».
(سۈرە ئ‍ەنفال 30- ئ‍ايەت).


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ