ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم تەجرىبە ماتىريالى قىلىشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-07-14 11:32:40 جەمئى 5998 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم تەجرىبە ماتىريالى قىلىشقا باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يەنە بىر قېتىم تەجرىبە ماتىريالى قىلىشقا باشلىدى
14- ئىيۇل ئىقتىساد گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، يېقىندا خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا «3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش » نامى بىلەن خەلق ئەھۋالىدىن خۇسۇسىي ئانكىت قالدۇرۇشقا باشلىغان.
بۇ پائالىيەت بۇ يىل 5- ئايدا باشلانغان بولۇپ، ئىككى ئاي ئىچىدە ، 6 مىليون 829 مىڭ 600 ئادەم تەكشۈرۈلۈپ خۇسۇسى ئانكىت قالدۇرۇلغان..
خىتاي بۇ قېتىم باشلىغان «3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرتۈش» ھەركىتى ئىلگىرىكى يىللاردىكى« D N A » تەكشۈۈش نەتىجىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا خاسلاشتۇرۇلغان سالامەتلىك تەكشۈرتۈش تۈرلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلغان ھەمدە ھەر قايسى تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى ھەقىقى تەكشۈرۈش سالاھىيىتىگە ئىگە دوختۇرلارنى تەكشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا ئائىلە ئىرسىيەت تارىخى، كېسەللىك زىيىنى ئامىلى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە بەدىنىنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەر توپى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى بويىچە، خاسلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
بۇ قېتىمقى خاسلاشتۇرۇلغان تەكشۈرۈش ئوبيېكتى 15 ياشتىن 64 ياشقىچە بولغان شەھەر- يېزا ئاھالىلىرىنى نىشان قىلغان.
بۇ قېتىم باشلىغان «3-نۆۋەتلىك ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈش» پائالىيىتىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قورچاق ئورگىنى ئاپتونوم رايونلۇق پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى قارمىقىدىكى خىزمەتچىلەرمۇ بىرگە قاتنىشىپ ئارخىپ تۇرغۇزغان.
2016-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ، ئاتالمىش ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي 18 مىليون 844 مىڭ 800 ئادەم تەكشۈرۈلگەن. 1700 دىن ئارتۇق ئاتالمىش «سالامەتلىك تەكشۈرۈش نۇقتىسى» قۇرۇلۇپ، 42 مىڭ تېببىي خادىم تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.
تەھلىلچىلەر: خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ « سالامەتلىك تەكشۈرۈش »نامى بىلەن ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىدە بىر خىل شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بار. خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ڧېزىئوگىيە، پىسخولوگىيە سەھەتلەردە تەجرىبە ماتىريالى سۈپتىدە ئىشلىتىپ مۇشۇ ساھەدە ئەمەلى تەجرىبىگە ئېگە بولۇش ھەمدە شۇ ئارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش، نىشانلىق قەست قىلىش مەقسىدىگە يىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ