ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەپتەر جاسۇس بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-26 11:38:09 جەمئى 6737 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەپتەر جاسۇس بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كەپتەر جاسۇس بىلەن كۆزىتىشكە باشلىدى
26- ئىيۇن ئەركىنلىك ۋاقىت گېزىتى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقي تۈركىستاندا كەپتەرسىمان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە باشلىغان.
خەۋەردە مەزكۇر ئۈسكىنىنى خىتاينىڭ «قىرغۇچى 20 تىپىلىق » كۆلەڭگە كۈرەشچى ئايروپىلاننى تەتقىق قىلىپ ياساشقا قاتناشقان شىئەن غەربىي- شىمال سانائەت ئونۋېرسىتېتى پروفېسسور سوڭ بىفېڭنىڭ يىتەكچىلىكىدە ياسالغانلىقى، نۆۋەتتە خىتايدىكى 30 نەچچە ھەربىي ئىشلار ئورگىنى ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرى ھەمدە ئاز دىگەندە بەش ئۆلكىدە كەپتەرسىمان ئۈسكىنىنى كۆزىتىشكە ئىشلەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مەزكۇر ئۈسكۈنىنىڭ ئېغىرلىقى 200 گرام، قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 سانتىمېتر، 30 مىنوتتا 40 كلو مېترى مۇساپىنى بېسپ بولىدىكەن. كەپتەرسىمان جاسۇسلۇق ئۈسكىنىگە ئىلغار كامېرا ، GPS، ئۇچۇش كونترول سېستىمسى، مەركەزگە ماتېريال يوللاش ئۈسكىنىسى قاتارلىقلار ئىلغار ئۈسكىنىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان. كەپتەرسىمان كۆزىتىش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئۇچۇش ھالىتى جانلىق كەپتەرنىڭ ئۇچۇش ھالىتىمگە تەقلىد قىلىنغان بولغاچقا، تاشقى شەكلى بەئەينى كەپتەرگە ئوخشىغانلىقى سەۋەبىدىن جانلىق كەپتەرلەرنى ئۆزىگە قوشۇۋالىدىكەن.
خىتاينىڭ بو خىل ئۈسكىنىنى ياساشتىكى مەقستى بولسا، ئادەم ۋە رادارنىڭ بايقىشىدىن مۇداپىئەلىنىپ، سىڭىپ كىرىپ جاسوسلۇق ۋەزىپىسنى ئورۇندايدىغان ئىلغار ئۈسكىنىگە ئېگە بولۇش ئىكەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ