ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى زاۋۇت شەكلىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-14 11:20:50 جەمئى 2228 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى زاۋۇت شەكلىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگېرلارنى زاۋۇت شەكلىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
14- سىنتەبېر BITTER WINTER تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي ئۆزىنىڭ جىنايىتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تەدبىر قوللۇنۇپ بىر قسىم لاگېرلارنى زاۋۇت سېخى شەكلىگە ئۆزگەرتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.
خەۋەردە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ قىزىل سۇ قىزغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسدىكى سانائەت رايونى ئىچىدە بىر قانچە دوم قۇرۇلۇشلار بار بولۇپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئورۇنلارنى تېخنىكا تەرىيىلەش مەركىزى دەم ئىسم قويغانلىقى ئەمەلىيەتتە، بۇ ئورۇننىڭ بىر يىلدىن بىرى لاگېر قىلىپ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ كۆلىمى 6000 كۋادىرات كېلىدىغانلىقى، ئىشىك ئالدىدا 24 سائەت قۇراللىق ساقچىلار قوغدايدىغانلىقى، تۆت ئەتراپى تۆت مېترى ئېگىزلىكتە پولات سىم بىلەن قورشالغانلىقى، ئىككى دوم كۈل رەڭ بىنادا مەھبۇسلار قامالغانلىقى، ئىچىدىكى قىزىل مۇناردا قۇراللىق ئەترەتنىڭ بارلىقى، قۇراللىق ئەترەتنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى مەھبۇسلارنىڭ قېچىپ كېتىشنى چەكلەيدىغانلىقى، ئۇلار ھەر ۋاقىت قۇرال تۇتۇپ ماڭىدىغانلىقى، مەزكۇر بىنادا 5000 مەھبۇسنىڭ قامالغانلىقى، ئۇلار ئۇيغۇر، قىرغىز، تاجىك قاتارلىق مۇسۇلمان مىللەتلەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
مەزكۇر لاگېرغا يانفون ۋە ئۇچۇر - ئالاقە ئۈسكىنىلىرى بىلەن دىنغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى يوللىغانلار قامالغان. كامىرنىڭ تۇرمۇش شارائىتى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئالتە كۋادرات چوڭلۇقتىكى كامىرغا ئۈچ دانە قوش كارىۋات قويۇلغان. بىرەر مەھبۇس دېرىزە ئالدىغا بارغان ھامان كامېرا ئالدىدا كۆزىتىۋاتقان گۇندىپايلار، ۋە كارىدوردىكى نازارەتچىلەر دەرھال ئەيىبلەپ ھاقارەت قىلىدىكەن. لاگېر ئىچى مەخپىيەتلىكىنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، لاگېردىكى خىزمەتچى، گۇندىپايلارنىڭ ھەممىسى بىر يانفون ئىشلىتىش چەكلەنگەن.
خەۋەردە يەنە، ئەھۋاللاردىن خەۋەردار كىشىلەر مۇخبىرغا: 5000 مەھبۇس قامالغان لاگېرنىڭ يېنىدا يەنە بىر چوڭ بىر لاگېر بارلىقى ئۇ يەردە قامالغان ئادەمنىڭ سانى 7000 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە يەنە، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدا ئىشلەيدىغان بىر خادىم مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرلىرى ئاقتۇ ناھىيىسىگە يەنە 10000 ئادەم سىغىدىغان بىر لاگېر سېلىشقا باشلىغانلىقىنى، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا 400 مىليون مەبلەغ سېلىشنى پىلان قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ