ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي زۇلۇمى

خىتاي زۇلۇمى

تۈركىيەدە چىقىدىغان مىللى گېزىتنىڭ  11- ئاۋغوسىت كۈنىدىكى سەھىپىسىدە  رەمزى چايىرنىڭ  «خىتاي زۇلۇمى» ناملىق ماقالىسى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، ئىستىقلال تورى تەرىپىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

خىتاي زۇلۇمى

مىڭ ئەپسۇسلار بولسۇنكى، يۈز ئابرۇيغا ئىگە رەھبەرلەر  ئاشكارىلىقنى، ھىساپ بىرىشنى،  ئوچۇق بولۇشنى ئەزەلدىنلا خالاپ كەتمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئۆز ھۆكمىرانلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پەقەت مەلۇم كۈچكە تاينىپلا ھەركەت قىلىدۇ.

ئۆتمۈشتە سوۋىت روسىيەسى، بۇلغارىستان  ۋە شۇنىڭدەك كوممۇنىست دۆلەتلىرىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ھېچ ئىتىبارى يوق بولۇپ، غەرىپ دۆلەتلىرى بۇنىڭغا قارشى كۆپلەپ تەشۋىقات ئېلىپ باراتتى، ھەمدە ئۆزىنى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، شەھەرلىرىنى دېموكراتېك كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى شەھىرى دەپ  تونۇشتۇراتتى.

ئۆتمۈشتىكى ئۇ ۋاقىت بىلەن ھازىردا ھەم  ھېچقانداق ئۆزگۈرۈش بولمىغان ھەقىقەت شۇكى: ۋاقتى كەلگەندە مەنپەئەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىشىدۇر.  ھەر كىم ئۆزى چىقارغا قارار بويىچە ئىش ئېلىپ بارماقتا.

ئەسلى دېموكراتىيەنى داۋراڭ سېلىۋاتقانلار،  ئىنسانى قەدىر قىممەتلەرنى ھېچ ئىتىبارغا ئالماستىن ، ئۆزلىرىنى ئەڭ مەدەنىيەتلىك قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئاتالمىش كىلەچىكى ۋە خاتىرجەملىكى ئۈچۈن ئۈنتىنسىز بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالماقتا. بۇنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئۆرنىكى بولسا خىتايدا يۈز بىرىۋاتقان ئەھۋاللاردۇر.

خىتاي ھازىر ھېچكىمنىڭ گىپىگە ئىرەن قىلىپ كەتمەيدۇ. ئۆز خاھىشى ۋە ئىچكى سىياسىتىنى ئاساس قىلىپ، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش نامى ئاستىدا خەلق ئۈستىدىن شۇ قەدەر ئېغىر  زۇلۇملارنى ئىشلىمەكتە ۋە ئەرزىيەتلەرنى بەرمەكتە. خالىغانچە ئۆلتۈرمەكتە. ئۇيغۇرلار... مۇسۇلمانلار... يەنە شۇ ئۇيغۇرلار .... ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا تۇرماقتا.

مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن ئاياق ئاستى قىلىنىپ خۇرلانغان، چەتكە قېقىلغان، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان،  ھەر كۈن دىگۈدەك ئۆلتۈرىلىۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۈچۈن خىتاي بىرەر قېتىممۇ بايانات چىقىرىپ باقمىدى. بۇ خىل ئەھۋالدىمۇ ئۆزلىرىنى ئەڭ مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر قاتارىدا مەشھۇر سانايدىغان ئاتالمىش ئىسىل نەسەبلىكلەر ھېچبىر ئاۋاز چىقىرىپ قويمىدى... ھەممە جىمجىت.

نىمە ئۈچۈن؟

شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، روسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا قالغان بۇ ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئىزاھلاۋاتقانلار ۋە خىتاينىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلۇملىرىغا باھا بىرىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغانلار، بۇنى يېرىم ياتا ۋە چالا-پۇچۇق ئىزاھلىماقتا.

بۈگۈن ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان ئەمەس بولۇپ قالدىمۇ؟!  خىرىستىيان، يەھۇد ياكى خىتاي  ئىتىقادىنىڭ مەلۇم قىسىملىرىغا  باغلىق بولغان بولسا ئاندىن مەۋجۇد بولىشى كىرەكمىدى؟!  رامىزان مەزگىلىدە ئۆيلىرى يەنە باسقۇن قىلىشقا ئۇچرىغان،  مەسجىدلەردە يەنە تاياق يىگەن، ئاياللىرىنىڭ بېشىدىكى ياغلىقلىرى  ئېلىپ تاشلانغان بولاتتىمۇ؟

 يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىدا ئۆز خاھىشى بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بۇ قەدەر قىلمىشلار يەنە يەتمەستىن، بۈگۈنكى كۈندە خىتاي بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇتقۇن قىلىنماقتا.

ئەي ئەركىنلىك قەھرىمانلىرى!  ئەي ئېغىزلىرىدىن ئەركىنلىك، كىشىلىك ھوقۇق دىگەنلەرنى چۈشۈرمەيۋاتقان ئەپەندىلەر! نەدە سىلەر؟!  بۇ ئۇيغۇرلار دۇنيا پەقەتلا ئۇنتۇپ كەتكەن بىر دىياردا يالغۇز تاشلاپ قويۇلغان، ئۆلۈمگە ئىتتىرلىۋاتقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىيلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان بۇ مۇسۇلمانلار بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە  ئىنسانىيەت سىنىپىغا تەۋە بولماي قالدىمۇ؟  بۇ بوشاڭلىقىڭلار، بۇ گاسلىقىڭلار، بۇ كورلۇقۇڭلارنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟!

دۇنيانىڭ مەركىزى رايۇنىدا خەلق ئاۋازى بىلەن سايلانغان دۆلەت رەئىسىنى قۇرال كۈچى ئارقىلىق ئىسيان قىلىپ ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ۋە ھاكىمىيەتنى زورلۇق بىلەن تارتىۋالغان سىسى  ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرماقتا. بۇ قانداق مەنتىقە؟ چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولساڭلار!

قېنى سىلەرنىڭ دېموكراتىك قىممەت قارىشىڭلار؟ قېنى سىلەرنىڭ ھوقۇقۇڭلار؟ قېنى ئادىمىيلىكىڭلار؟  سايلام ساندۇقىغا بولغان ھۆرمىتىڭلار نەدە قالدى؟

مىسىردىكى قىلمىشلارنى، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاچچىق قىلىدىغان كۆرۈنۈشلەرنى، ئىسيانچىلارنىڭ قىلغانلىرىنى نىمە ئۈچۈن ئەيىپلىمەيسىلەر؟نىمە ئۈچۈن سۈكۈت قىلىسىلەر؟ خىتايغا ، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىغا نىمە ئۈچۈن  تىۋىش چىقارمايسىلەر؟ رىزقىڭلار كېمىيىپ، ساتقاننىڭ بەدىلىگە ئىرىشكەنلىرىڭلار مەڭگۈ قولىڭلاردا تۇرارمۇ؟ مۇناسىۋەتلىرىڭلار، راھەتلىرىڭلار بۇزۇلۇپ كىتەمدۇ؟ بۇ مۇسۇلمانلار ئىنسان ئەمەسمۇ؟

ئىش سىلەرگە كەلگەندە ئېقىۋاتقان سۇمۇ توختايدۇ، ئەمما ئۆلۈۋاتقانلار، سۈرگۈن قىلىنغانلار، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلار مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا،  بۇرۇتىڭلار ئاستىدىكى قىيا كۈلىشىڭلارنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمسىلەر؟

بىز سىلەرنى تونىساق تونىمىساق خىتاي بەرىبىر خىتايلىقىنى قىلىۋىرىدۇ. ئەمما سىلەرگە ئوخشاش رىياخور، ئالدامچى ۋە ھېلىگەرلەرگە غەزەپلىنىمەن.

مۇسۇلمانلار ئۈچۈن چىقىش يولى پەقەت بىرلىك ۋە بىرلىشىش، بىر پۈتۈن ئۈممەت بولۇش ۋە ئويغۇنۇشتۇر.

ئۇلارنىڭ ھامان تىك تۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ