ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي دىنى بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-10-04 12:07:28 جەمئى 1520 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي دىنى بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى

خىتاي دىنى بايراملارنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا باشلىدى
4- ئۆكتەبىر زىمىستان تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا دىنى بايراملارنى تەدرىجى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشقا باشلىغان.
بۇ يىل قۇربان ھېيتتا شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قورقۇپ مەسچىتكە بارالمىغان.
خەۋەردە، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت، روزا ھېيتلاردا ئىلگىرىكى يىللارغا ئۆخشاش يارىشىملىق مىللى پاسوندا كىيىنگەن مۇسۇلمانلار مەسچىتلەرنى ئاۋات قىلىدىغان ئەھۋاللار بولمىغانلىقى، مۇسۇلمانلار زور كۆلەمدە تۈرمە ۋە لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبلىرىدىن يول ياقىسىدىكى چېقىلمىغان مەسچىتلەر قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى، قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيىسى ناچۇك يولى مەسچىتىگە ئىلگىرىكى يىللاردا ھېيت كۈنلىرى 800 دەك جامائەت چىققاندىن سىرىت، مەسچىت ئىچىگە سىغمىغان جامائەت مەسچىت سىرتىدىكى يولدىمۇ ھېيت ناماز ئوقۇيدىغانلىقى، بۇ يىل قورغان ھېيتتا بۇ مەسچىتنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
ئسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان يەرلىك كىشىدىن بىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرلىرىنىڭ مەسچىت سىرتىغا چەكلەش سىزىقى سىزىپ قويغانلىقىنى، سىزىقنىڭ يېنىدا ساقچى قاراپ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قورقۇپ مەسچىتكە ناماز ئوقۇغىلى كېلىدىغانلارنىڭ قالمىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ