ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي داڭلىق پروفېسسورنىڭ ئايالىنى شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقارمىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-09-04 16:29:09 جەمئى 3633 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تۈركىيىنىڭ ساناقلىق "قەدىمقى تۈرك تىلى پروفېسسورلىرىدىن" بىرى بولغان ئەرھان ئايدىننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئايالىغا چەتئەلگە چىقىش چەكلىمىسى قويدى.

خىتاي داڭلىق پروفېسسورنىڭ ئايالىنى شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقارمىدى

تۈركىيە مىللىيەت گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي تۈركىيىنىڭ ساناقلىق قەدىمقى تۈرك تىلى پروفېسسورلىرىدىن بىرى بولغان ئەرھان ئايدىننىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئايالىغا چەتئەلگە چىقىش چەكلىمىسى قويدى. 5 ئايدىن بۇيان شەرقىي تۈركسىتاندىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان مېھرىبان ئايدىن ئۈچۈن يولدىشى ئەرھان ئايدىن سەپەرۋەرلىك باشلاتتى.

مالاتيا ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى قەدىمقى تۈرك تىلى پروفېسسورى ئەرھان ئايدىننىڭ ئۇيغۇر ئايالى خىتاينىڭ ئۇنى چېگرىدىن چىقارمىغانلىقى سەۋەبلىك تۈركىيىگە قايتىپ كىلەلمىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

سۆزجۈ گېزىتىنىڭ مۇخبىرى سەدا ئۆنجۈلەرنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئۆزىگە ئوخشاش ئاكادىمىك بولغان ئايالىنىڭ تۈركىيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن پروفېسسور ئايدىن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ 5 ئايدىن بۇيان ھېچقانداق نەتىجە ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ زارلاندى. پروفېسسور ئايدىننىڭ ئايالىنى تۈركىيىگە ئېلىپ كېلىش تىرىشچانلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

پروفېسسور دوكتۇر ئايدىن ئايالىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ۋە خىتاي پۇخراسى ئىكەنلىكىنى 2013-2014 – يىللىرىدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىشلەۋاتقاندا ھەم خىتاي، ھەم تۈركىيە قانۇنلىرىغا كۆرە توي قىلدۇق ۋە 5 يىلدىن بۇيان ئۆي تۇتۇۋاتىمىز. ئايالىممۇ ماڭا ئوخشاش بىر ئاكادېمىيە خادىمى ۋە بۇ يەردە خۇددى خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسىدەك ئىشلىدى. 9 – ئاپېرىل ئانىسىنىڭ كېسىلى سەۋەبلىك بىر ھەپتە تۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كەتكەن ئىدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى توي قىلغانلىقىمىزنى ۋە تۈركىيىدە بىر ئاكادېمىيە خادىمى سۈپىتىدە ئىشلەۋاتقانلىقىغا پەرۋا قىلماستىن تۈركىيىگە قايتىشىغا رۇخسەت بەرمىدى. توي رەسمىيەتلىرىمىزنى ۋە تۈركىيىدە ئىشلەۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پۈتۈن ماتېرىياللارنى خىتاي ئەلچىخانىسىدىن تەستىقلىتىپ نەچچە ئاي بۇرۇن ئەۋەتتىم. ئەمما ھازىرغىچە نەتىجە ئالالمىدىم. 5 ئايدىن بۇيان سەۋەبسىز ساقلىتىۋاتىدۇ. بۈگۈن-ئەتە دەپلا تۇرىدۇ، ئەمما نەتىجىدە 5 ئايدىن بۇيان ئايالىمنى كۆرەلمىدىم. بىز خىتاي-تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كۈچلىنىشى ئۈچۈن تۈركىيىدە كۆپ ئىش قىلدۇق. خىتايغا قارشى ھېچقانداق سىياسىي كۆز قارىشىمىز يوق. ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئايالىمنىڭ تۈركىيىگە قايتىشىنى تەلەپ قىلىمەن دېگەنلەرنى بىلدۈردى.

بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭمۇ ھەرىكەت باشلاتقانلىقى ۋە مەسىلىنىڭ سۈرۈشتە قىلىنىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ