ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي دائىرلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارغا يەنە يەمچۈك تاشلىدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-12-06 13:00:53 جەمئى 577 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي دائىرلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارغا يەنە يەمچۈك تاشلىدى

خىتاي دائىرلىرى چەتئەلدە ياشاۋاتقانلارغا يەنە يەمچۈك تاشلىدى
5- دېكابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشقا ئاساسلانغاندا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئالتاي ۋىلايىتى چىڭگىل ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارسى يەمچۈك ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستانغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن دەم ئېلىشقا چىقىپ ئۇزۇندىن بىرى چەتئەلدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى ۋەتەنگە قايتىپ كىلىپ مائاش ئىشلىرىنى بېجىرىۋېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇسلىم بېك تايىر ئىسىملىك شەخىسنى ئۇزۇندىن بىرى قازاقىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغانلىقى، دائىرلەر ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرالمىغانلىقى، شۇ سەۋەبتىن بىر قانچە قېتىم ۋەتەنگە قايتىپ كىلىشكە ئۇقتۇرۇش قىلىنغان بولسىمۇ بىراق ھازىرغىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى، ئەگەر 2018- يىلى 12 - ئاينىڭ 10- كۈنىگىچە چىڭگىل ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىگە ئۆزى كىلىپ مائاش ئىشىلىرىنى بېجىرمىسە ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ