ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي خوتەن ۋىلايىتىگە يۈكسەك تەمىنات بىلەن خىتايلارنى چاقىرىپ ئېلان چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-04-11 09:17:24 جەمئى 718 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي خوتەن ۋىلايىتىگە يۈكسەك تەمىنات بىلەن خىتايلارنى چاقىرىپ ئېلان چىقاردى

خىتاي خوتەن ۋىلايىتىگە يۈكسەك تەمىنات بىلەن خىتايلارنى چاقىرىپ ئېلان چىقاردى

مىليونلىغان خەلقىمىزنىڭ ئاتالمىش ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى نامىدا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەپ يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان خىتاي تاجاۋزۇچىلىرى، ۋەتىنىمىزدىن يوقاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىغا ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن يۇقىرى تەمىنات بىلەن ئاققۇن خىتايلارنى تەكلىپ قىلماقتا.

28 - مارت خوتەن ۋىلايىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ئېلاندا

خىتاي ئۆلكىلىرىدىن خوتەن ۋىلايىتىگە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىدىغان خىتايلارنى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلىندى.
ئۆي تەمىنلىنىدۇ، توي مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ، ئايالىغا ياكى ئېرىگە خىزمەت بېرىلىدۇ. ئاسپىرانتلىق مەزگىلىدىكى ئوقۇش پۇللىرى ئاتچوت قىلىنىدۇ. سۇغۇرتىدىن تولۇق بەھرىمەن بولىدۇ. 
ئۇندىن باشقا دوكتورلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى 8000 سوم بولىدۇ، باشتىلا 100مىڭ سوم ئورۇنلىشىش پۇلى بېرىلىدۇ. ئۆي سېتىۋالسا 200مىڭ سوم تولۇقلىما بېرىلىدۇ.
ماگىستىرلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن مائاشى 7000 سوم بولىدۇ. باشتىلا 50مىڭ سوم ئورۇنلىشىش پۇلى بېرىلىدۇ. ئۆي سېتىۋالسا 100مىڭ سوم تولۇقلىما بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ