ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا يۇقۇرى مائاشلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقاردى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-06-13 14:51:14 جەمئى 6805 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا يۇقۇرى مائاشلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقاردى

خىتاي جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا يۇقۇرى مائاشلىق خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقاردى
13- ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاي رىجىمى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىغا يۇقىرى مائاشلىق بىخەتەرلىك قوغداش خادىمى قوبۇل قىلىش ئېلانى تارقاتقان.
مەزكۇر ئېلان 29- ماي خىتاي تور بەتلىرىدە تارقىتىلغان بولۇپ، ئېلاندا يىڭى قۇرۇلغان جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىغا 50 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى، خىزمەت ئورنىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ئايلىق مائاشى 8000 يۈەن بولىدىغانلىقى، ئىش ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
12- ئىيۇن ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا بولسا، خىتاي رىجىمى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەرلىرىدە جەسەت كۆيدۈرۈش زاۋۇتلىرىنىڭ سانى ۋە كۆلىمىنى كېڭەيتكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالدى. يۇقىرىقى خىتاي رېجىمنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى قەدەممۇ- قەدەم كۆپەيتىشكە باشلىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر بىلەن يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلىپ جىددى ئىش باشلىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقىشى، چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بىرى ئالاقە قىلالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدا ۋەھىملىك سوئاللار پەيدا بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇغقانلىرىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.
تەھلىلچىلەر: خىتاي رېجىمنىڭ شەرقىي تۈركسىتاندەك زور كۆپچلىك ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر رايوندا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورۇنلىرىنى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە كۆپەيتىشى بولسا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارماقچى بولغان ئېغىر باستۇرۇشنىڭ بىشارىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ