ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تەسىس قىلغان تەربىيىلەش لاگېرىدا 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-01-26 14:14:04 جەمئى 17808 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تەسىس قىلغان تەربىيىلەش لاگېرىدا 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي تەسىس قىلغان تەربىيىلەش لاگېرىدا 120 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ قامالغانلىقى ئاشكارىلاندى
25- يانۋار support the Guardian تورى بەرگەن خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان تەبىيىلەش لاگېرلىرىغا ئاز دىگەندە 120 مىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلماننىڭ قامالغانلىقى ئىسپاتلانغان.
خەۋەردە، بىر قانچە يىلدىن بىرى شىجىنپىڭ ماۋزېدۇڭنىڭ باستۇرۇش يولىنى تۇتۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا زور كۆلەمدە تەسىس قىلغان تەربىيىلەش لاگېرىغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى توشقۇزىۋاتقانلىقىنى، تەبىيىلەش لاگېرىنىڭ شارائىتى ئىنتايىن ناچار، مەينەت ئىكەنلىكىنى، 500 مىڭ نوپۇسقا ئىگە قەشقەر شەھەر ئاھالسى ئىچىدە 10 مىڭ ئۇيغۇرنىڭ تەربىيىلەش لاگېرىغا قامالغانلىقىنى، قەشقەر ئەتراپىدىكى ناھىيىلەرنى قوشقاندا بۇ ساننىڭ 12 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
خەۋەردە، كىشىلىك ھوقۇق كۈزەتكۈچىسى(Wanga Wang)خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلغان تەربىيىلەش لاگېرى ھەققىدە بىر پارچە دوكلات يازغانلىقىنى، دوكلاتتا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ تەبىيىلەش لاگېرى ھەققىدە بەرگەن سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ئىشىنىشكە بولىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇشىنىڭ ئېغىرلىقىغا قارىغاندا قامالغان كىشلەر سانىنىڭ 12 مىڭدىنمۇ ئېىشپ كىتىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تەربىيىلەش لاگېرىغا قامالغان كىشىنىڭ ئاسانلىقچە چىقالمايدىغانلىقىدىن قارا ئۆڭكۈرگە ئوخشايدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ