ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تەتقىقاتچى: تۈركىيە، چەكلىك كۈچى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىدا دىققەت قىلىشى كېرەك

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2019-01-02 11:17:31 جەمئى 11280 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تەتقىقاتچى: تۈركىيە، چەكلىك كۈچى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىدا دىققەت قىلىشى كېرەك

خىتاي تەتقىقاتچى: تۈركىيە، چەكلىك كۈچى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىدا دىققەت قىلىشى كېرەك

Erkin Öncan

 

    2018- 12- 31.

    ئامېرىكا پرىزدىنتى دونالد ترۇمپ Donald Trump سۈرىيەدىن ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن بۇ رايوننىڭ سىياسىتىدە يېڭى بىر ۋەزىيەت شەكىللىنىشكە باشلىدى.

    خىتاينىڭ Global Times گېزىتىنىڭ يازغۇچىسى خىتاي تەتقىقاتچى Yang Sheng، Sputnik (سپۇتنىك- رۇسىيەنىڭ خەلقئارالىق خەۋەر قۇرۇلۇشى بولۇپ، 2014- يىلى  موسكۇۋادا قۇرۇلغان)نىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىنكى جەرياندا خىتاي ۋە ئامېرىكا بىلەن بولىدىغان سىياسىي مۇناسىۋىتى توغرىلىق سورىغان سوئالىغا جاۋاپ بېرىپ:

    - «تۈركىيە، چەكلىك كۈچى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىدا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە ئۆزىنىڭ كۈچىدىن ئارتۇق كۈچەپ كېتىدىغان بولسا بۇ ئويۇندا زىيان تارتىپ قېلىش ئېھتىمالى بار» دېدى.

    ئامېرىكا سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارىنى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ھەر قايسى تەرەپلەر ئارىسىدا جىددى بىر سىياسىي سۈركۈلۈش كېلىپ چىقتى. ھەتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچىدىنمۇ ئىستىپا ئېتىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلدى. ئامېرىكا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن سۈرىيەدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۈچ تالىشىش ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ قايسى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە قاراپ تەرەققى قىلىدىغانلىقى توغرىلىق

قىياسلار ئاخىرقى ۋاقىتتا چوڭ مۇنازىرىلەرگە ئايلاندى.

    سۆزدە دېيىلىپ كېلىۋاتقان سۈرىيەدىن چېكىنىش پىلانى، ترۇمپ ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ھەلقىلغۇچ ئانا ئۇنسۇرى بولغان ئامېرىكا (ئالدى بىلەن ئامېرىكا) سىياسىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ھەتتا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىش قارارى ترۇمپنىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان سايلامدا قىلغان ئاساسلىق ۋەدىسىدىن بىرسى ئىدى.

   يىغىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىش قارارى، ترۇمپ باشتا- ھەر خىل نارازىلىقلار قوزغىغان بولسىمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قارارىنى بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ ئىلگىرى سۈرمەكتە.

 

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقىشى، ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى رەقىپلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قوغدىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس

 

        تەتقىقاتچى ياڭ شېڭ دېيىلىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن چىكىنىش قارارىنى غەلىبە دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە مۇنداق دەيدۇ:

    - «ئەگەر ئامېرىكا سۈرىيەدىن چېكىنىپ چىقسا رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيەنىڭ ئاساسلىق مەسىلىسى تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ئەسكەرلىرى بولىدۇ».

    «ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك نىشانى، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى بىر غەرب پەرەس ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىش ئىدى. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا بۇ نىيىتىدىن ۋاز كېچىپ ئەسكەرلىرىنى سۈرىيەدىن چېكىندۈرۈپ چىقىش قارارى ئالدى. بۇ ئەھۋال رۇسىيە ۋە ئىران باشتا ئوتتۇرا شەرقتىكى رەقىپلىرىنىڭ مەنپەئەتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قوغدىغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.»

 

ئشىد (دائىش) بىلەن بولغان كۈرەش رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيە

تەرىپىدىن غەلىبىلىك ئېلىپ بېرىلدى

 

    ياڭ شېڭ سۆزىدە، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈشگە «ئىشىد» كە قارشى تۇرىمىز دەپ سەۋەپ كۆرسەتتى، بۇ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەگە ئەسكەر كىرگۈزۈش ئۈچۈن تاپقان بىر باھانىسى دېدى. ئۇ ئامېرىكا ئىلگىرى سۈرگەن ئىشىتكە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئەسلىدە رۇسىيە، ئىران ۋە سۈرىيە ئاساسىي جەھەتتىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغان ئىدى، دېدى.


ئامېرىكىنىڭ ھازىرمۇ پايدىلىنالايدىغان تەرىپى بار

 

    خىتاي تەتقىقاتچىسى يەنە، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنى ئامېرىكىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا بىر مەغلۇبىيەت دەپ قاراشقا بولمايدۇ دېگەن. ئۇ بۇ سۆزىگە ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش رايونىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ھېلىھەم مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى پاكىت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى سۈرىيەنىڭ يېڭىدىن بىرلىشىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا توسۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئىدلىبنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىتتىپاقداشلىرى ھېلىھەم مەۋجۇت. بۇ ئەھۋاللار ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە يەنىلا سىياسىي ئويۇن ئويناش شارائىتىنىڭ بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېگەن.

ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىن ئايرىلىشى، كۈرتلەرگە قىلىدىغان ياردەمنىڭ

ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ

   

    ياڭ شېڭ يەنە، ئامېرىكىنىڭ رايوندىكى ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ي. پ. گ نىڭ كەلگۈسى تەقدىرى توغرىلىق توختىلىپ:

    - «ئامېرىكىنىڭ رايوندىن ئايرىلىپ چىقىشى كۈرتلەرگە قىلىدىغان ياردەمنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئۇ رايوندىكى كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ تەقدىرى تۈركىيەنىڭ قارارىغىمۇ باغلىق. ئەگەر تۈركىيە كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنى بەكرەك مەجبۇر قىلسا شۇنداقلا سۈرىيە بىلەن رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتسە، بۇ ۋاقىتتا رۇسىيە، سۈرىيە ۋە كۈرت قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللەندۈرىدۇ» دېدى.

 

رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش، غەرب دۇنياسىدىن مەنپەئەت ئېلىش

مەقسىتىگە خىزمەت قىلىدۇ

   

    تۈركىيەنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرىنى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلاردا يېڭىدىن «پايدىلىق تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلىش» ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن ئامېرىكا- تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىلىق توختالغان ياڭ شېڭ، ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتكەندىن كېيىن:

    - «تۈركىيە ناتونىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ، ئۇنىڭ ناتونىڭ ئەزالىقىدىن چىقىپ كېتىشى توغرىلىق ھېچقانداق بىر ئىشارەت يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن يېقىنلىشىشى تۈركىيەگە غەربكە قارىغاندا تېخىمۇ بەك مەنپەئەت ئېلىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيە باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىدىغان بىر ئويۇنچۇق بولۇپ قېلىشنىڭ ئورنىغا رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويالايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكچى.»

   

رۇسىيە بىلەن خىتاي رايون خاراكتېرلىك بىر كۈچ تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشنى خالىمايدۇ

 

    رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن قارشىلىشىشنى كۈتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ياڭ شېڭ، بۇ ئىككى كۈچلۈك دۆلەتنىڭ بىر رايون خاراكتېرلىك كۈچ تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىشىنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ «غەربكە قارشى ئۈستۈنلۈككە ئېگە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن رۇسىيىدىن پايدىلىنىش سىياسىتى ئۆتمۈشتە كارغا كەلگەن بولىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ خىل ئەھۋالنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشى ھازىرقى رېئاللىقتا مۇمكىن بولمايدۇ» دەيدۇ.

 

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانى بەكمۇ قەتئى

 

   ياڭ شېڭ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنىڭ بەكمۇ قەتئى بولغانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ:

    - «تۈركىيە، چەكلىك كۈچى بىلەن ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدا ئوينىماقچى بولغان ئويۇنىدا دىققەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىختىدارى ۋە كۈچىدىن ئارتۇق كۈچەپ كېتىدىغان بولسا بۇ ئويۇندا زىيان تارتىپ قېلىش ئېھتىمالى بار» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

خىتاي، سۈرىيەگە خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەر بويىچە ياردەم قىلىشى مۇمكىن

    خىتاينىڭ سۈرىيەدىكى ئەھۋالى توغرىلىق توختالغان ياڭ شېڭ:

    - «خىتاي سۈرىيەدىكى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنى خالىمىدى، ئۇ باشقا بارلىق خەقئارالىق مەسىلىلەرگە تۇتقان پوزىتسىيىسىگە ئوخشاش بۇ مەسىلىنىمۇ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىش تەرەپتارى بولدى. ئەمما ئۇرۇشتىن كېيىنكى يېڭىدىن تەرتىپكە سېلىش باسقۇچىدا خىتاي سۈرىيەگە خەقئارالىق بەلگىلىمە بويىچە ياردەم قىلىشى مۇمكىن» دېدى. ئۇ يەنە، سۈرىيەدىكى ئۇرۇشنىڭ خىتايغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى توغرىلىق توختىلىپ، «سۈرىيەدىكى يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن ئۆزگۈرۈشلەردىن كېيىن، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا يېتىشىپ چىققان تەجرىبىلىك تېرورىستلەر يەنە يېڭىدىن ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا كېتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋال خۇددى خەلقئاراغا ئوخشاش خىتاي ئىچىدىمۇ خىلمۇ- خىل قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بار» دېدى.

 

بەزى رايون دۆلەتلىرى تېرورىستلەرگە ياردەم قىلدى

 

    ياڭ شېڭ سۈرىيەدە بارلىققا كەلگەن بۇ خەتەرلىك ۋەزىيەتنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بەزى بۆلگە دۆلەتلىرىنىڭ جاۋاپكارلىقى بارلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ:

    - «ئۆتكەن يىللاردا، بەزى بۆلگە دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن تېرورىستلارنىڭ سۈرىيەگە كىرىشى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ ياردەم قىلدى. مانا ئەمدى بۇ تېرورىستلەر ئۇرۇش قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە بولۇپ، تېخىمۇ بەك خەتەرلىك ھالغا كەلدى. ھازىر بولسا خەلقئاراغا تەھدىت سالالايدىغان ھالغا كەلدى» دېگەن سۆزلەرنى قوللاندى.

تەييارلىغۇچى: مەمەت تۇرسۇن ئۇيغۇر 

 

https://tr.sputniknews.com/columnists/201812311036879386-cinli-uzman-turkiye-sinirli-gucuyle-abd-rusya-ve-cin-arasinda-oyun-oynamak-konusunda-dikkatli-olmali/

 


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ