ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىكى قوش بىسلىق شەمشەر

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2017-10-24 18:02:38 جەمئى 20694 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇشتىكى قوش بىسلىق شەمشەر

خىتاي تىرۇرىزىمغا قارشى تۇرۇشتىكى قوش بىسلىق شەمشەر
مەزكۇر ماقالە خەلقئارا مۇلاھىزە توردا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىنى سۈرىيىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى يازغان. ماقالىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قىلىۋاتقان باستۇرشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ئەھۋاللارنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خەلقئارادا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشتىن ئىبارەت يامان غەرىزىنى ئاشكارىلىغان بولغاچقا ئۇقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق.
ئالدىنقى ئايدا خىتاي ئەمەلدارلىرى بەلگىلىمە چىقىرىپ، تېررورىزمىزغا قارشى تۇرۇشنىڭ بىر ئىپادىسى قاتارىدا شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىكى قۇرئان، دىننى كىتاب ماتېرىياللارنى يىغىۋالدى ھەمدە مۇسۇلمان ئاممىغا بۇلغان نازارەتنى كۈچەيتىپ تېررورىزمغا قارشى تەدبىرلەرنى ئالغانلىقنى ئىپادە قىلدى. خىتاينىڭ تارىخىدا ئىرقى كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقان چىگىرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئەزەلدىن توقۇنۇش زىددىيەت بار بۇلۇپ، ئەمما خىتاي پەقەت خىتاي كومپارتىيسىلا بۇ مەسىلىنى ئادىل مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ مۇقىملىقنى ساقلايدۇ دەۋاتىدۇ. يېقىندىن بىرى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا چىقىرىلغان چەكلەش مىللى، ئىرقى كەمسىتىش بەلگىلىملىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەركەتلىرنىڭ پەقەت بىر قىسىمىدىنلا ئىبارەت. بۇ قارارلار خىتاي كوممونىستىك پارتىيىسىنىڭ ھوقۇق كۈچىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ئىسلام رادىكال كۈچلىرىگە تەشۋىش سېلىشتىكى بىر ۋاستىسى بولدى . ئىراق شام ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا ئىسلام رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى نەتىجىسىدە، خىتايغا قۇشنا بۇلغان ئۇتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خىتاينىڭ تېررورىزم سىڭىپ كىرىشىگە قەتئىي يۇل قويمايدىغانلىقىنى، بېيجىڭنىڭ بۇ جەھەتتە ئىنتايىن سەزگۈر ۋە قاتتىق قۇل ئىكەنلىكىنى چۇڭقۇر تونۇپ يەتتى .
خىتاي ئۆزىنى خەلقئارادا ئامېرىكا ۋە روسىيە بىلەن بىر سەپتە يەرشارى خاراكتېرلىق تېررورچىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قاراتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى خەلقئارالىق تېررورىزمغا قارشى ھەرىكەتكە باغلاپ قىلمىشلىرىنى يوللۇق كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان كۆپ مىللەتلىك بىر رايون بۇلۇپ ،خىتاي بېسىۋالغاندىن بىرى باستۇرۇش ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكەتلەرنى تىخىمۇ كۈچەيتىپ كەلمەكتە. ھازىر ئەرلەرنىڭ ساقال قۇيۇشى، ئاياللارنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىيچە، دىننى كىيىملەرنى كىيىشى چەكلەندى . بالىلارنىڭ ئانا تىلدا دەرس ئىلىشىغا چەكلىمە قۇيۇلۇپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرىدە بارلىق دەرسىلەر دۆلەت تىلى دەۋالغان خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بەلگىلەندى. كۆزەتكۈچىلەر، بۇ تۈردىكى تەدبىرلەر زىددىيەتنى تىخىمۇ ئۈتكۈرلەشتۈرۈپ تىخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ رادىكال ئىدىيىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ دەپ كۆرسەتتى . خىتاي كومپارتىيىسى بۇ ئەھۋاللارغا قارىتا، مەجبۇرى خىتاي مەدەنىيىتى تەربىيىسى ۋە تەشۋىقات پائالىيىتى ئىلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى سىياسى ۋە ئىدىيە جەھەتتىن ئۆزگەرتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئاپتونومىيە رايونلىرى نىسبەتەن مۇستەقىل ئايرىم رايونلار بۇلۇپ، خىتاي بۇ رايونلارنى باشقۇرۇش ئىمتىيازدىن مەھرۇم قىلىشتىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى شەرقى تۈركىستان پاكىستان ۋە ئافغانىستاندىكى قۇراللىق توقۇنۇش بۇلۇۋاتقان رايونلارغا يېقىن بولغاچقا، سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئاسان ئۇچرايدۇ دەپ تىخىمۇ ئەندىشە قىلىدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭيى 2015 ـ يىلى 11 ـ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىندا، خىتاي ھېلىمۇ تېررورىزىمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى دەپ ‹‹ شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكتى›› نى نۇقتىلىق مىسال قىلىپ كۆرسەتكەن. شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكتى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقنى مەقسەت قىلغان ، ئاخىرقى نىشان شەرقى تۈركىستاننى خىتايدىن ئازات قىلىش. خىتاي شۇڭا بۇ تەشكىلاتنى بۆلگۈنچى تېررۇر تەشكىلات ، بازا تەشكىلاتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىقى بار، دەپ خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارغا بۇلغان باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى تېررۇرلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر قىسمى دەپ كۆرسەتمەكتە. ۋاڭيى تەكىتلەپ، بۆلگۈنچىلىككە رادىكال كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش خەلقئارا تېررۇرىزىمغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى دەپ كۈرسەتكەن. بەزىلەر ئۇنى قۇللاپ، خىتاي ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان بۈلگۈنچى تېررۇر كۈچلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچىراپ كەلمەكتە، 2014 ـ يىل 3 ـ ئايدىكى كۇنمىڭ پويىز ئىستانىسىسى 35 كىشىنىڭ ئۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى بۇنىڭ تىپىك مىساللىرىدىن بىرى دەپ كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ھەربى كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقى ۋە خەلقئارادىكى پائالىيەتلىرى تىخىمۇ كۈپ چەكلىمىلەرگە ئۇچراۋاتىدۇ ۋە خىتاي دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بۇلغان بىسىمىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ.
خىتاي ھازىر خەلقئارادا تېررۇرچىغا قارشى مۇھىم كۈچلەرنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگەن بۇلۇپ، ئافغانىستاندا تالىبان بىلەن ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئەتكۈزۈپ ئوتتۇرىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا مۇھىم رول ئويناۋاتقانلارىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ رايوندىكى سۇدا مەنپەئەتىنى ئويلاشتىن باشقا ئەڭ مۇھىمى چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ بۇ سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشى ۋە ئاساسلىق رول ئوينىشى شەرقى تۈركىستانغا ئافغانىستان تەرەپتىن كىلىدىغان تەھدىتنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، چۈنكى خىتاي ئافغانىستاننى ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرنىڭ ئاساسلىق تەربىيىلىنىش ۋە يۇشۇرۇن ئورنى دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركستانغا سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن خىتاي خەلقئارادا تېررورىزىمغا قارشى مەيدانىنى ئىسپاتلىغان بولىدۇ، ھەمدە دۆلەت چېگرا بىخەتەرلىكى ، رايون مۇقىملىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارغا بۇلغان بىسىمىنى تىخىمۇ ئۇچۇق ئاشكارا كۈچەيتەلەيدۇ.
سورىيەدە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ياردەم قىلىپ، ئىسلام دۆلىتى ۋە ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنى بومباردىمان قىلىشنى قوللىدى. ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، بىرى ئۇتتۇرا شەرقتىكى ئىچىكى ئۇرۇش مالىمانچىلىق رايونلىرىدا قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى كۆزلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ سورىيەدە مۇنتىزىم تەربىيلىنىپ كۈچىيىپ خىتاي بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئىدى.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ