ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈرك پۇقرالىرىنىمۇ 10 يىل كەستى

خىتاي تۈرك پۇقرالىرىنىمۇ 10 يىل كەستى
2- نويابىر ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە تارقالغان خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، تۈرك نوپۇسى بار ئۇيغۇر تۈركى 10 يىل كېسىلىپ لەنجۇغا يۆتكەپ كېتىلگەن.
خەۋەردە، 2013- يىلىدىن 2016- يلىغىچە تۈركىيە بىلەن شەرقى تۈركىستان ئارىسىدا تىجارەت قىلىپ كۆپ پۇل تاپقان ئۆزگۈر ئايدىن تۈركىيىگە چىققانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىپ 2016- يىلى 6- ئاينىڭ 18- كۈنى خوتەندە خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن سەۋەبسىز قولغا ئېلىنغانلىقىنى، تۈركىيە كونسۇلى خىتاي كونسۇلى بىلەن ئالاقە قىلىپ ئەڭ ياخشى ئاقلىغۇچى تۇتقان بولسىمۇ بارلىق مال- مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ 10 يىل كېسىلگەنلىكىنى، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ئۆزگۈر ئايدىننى 10 يىل كەسكەننى ئازا دەپ باشقا ئۇيغۇر مەھبۇسلار بىلەن بىرگە لەنجۇغا يۆتكەپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزگۈر ئايدىننىڭ تۇغقانلىرى لەنجۇدىكى تۈرمىگە ھەر ئايدا 300 لىرا پۇل ئەۋەتىپ تۇرغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
تەھلىلچىلەر: ئۆزگۈر ئايدىننىڭ خىتاي تەرىپىدىن سەۋەبسىز 10 يىل كېسىلىپ لەنجۇغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ مۇھىم ئىسپاتى بولۇش بىلەن بىرگە، يېقىندا ئاخباراتلاردا« خىتاينىڭ شەرقىي تۈركسىتاندىكى مەھبۇسلارنى خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە باشىلىدى» دېگەن خەۋەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى دېيىشمەكتە.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ