ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تۈركىيىدە تېلېۋىرىيە قانىلى ئاچماقچى بولدى

خىتاي تۈركىيىدە تېلېۋىرىيە قانىلى ئاچماقچى بولدى
22- ئۆكتەبىر ھۆرىيەت تورى بەرگەن خەۋەردە بىلدۈۈلىشىچە، خىتاي تۈركىيىدە تېلېۋىزىيە قانىلى ئاچماقچى بولغان.
ئىككى يىلدىن بېرى تۈركىيىدە تارقىتىشنى داۋام قىلىۋاتقان خىتاي خەلقئارالىق رادىئوسىنىڭ خەۋەر بۆلۈم مۇدىرى كامىل ئەردۇغدۇ بايانات ئېلان قىلغان.
باياناتتا، خىتاينىڭ (CRLTURK) قانىلىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالغانلىقىنى، يېڭى نىشانىنىڭ تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىش ئىكەنلىكىنى، خىتايچە تېلېۋىزىيە قانىلى ئېچىشنىڭ مەقسىتى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا سىياسى سەھنىلەردە خىتاينىڭ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ خاتا چۈشىنىلىپ، تەرەققىي قىلمىغان بىر دۆلەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ تۈركىيىگە تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
كامىل ئەردۇغدۇ باياناتىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئۆزىنىڭ مەلۇم بىر تەرەپنى قوغدايدىغان خىيالى يوق ئىكەنلىكىنى، بۇ قانالنىڭ ئېچىلىشى تۈركىيە ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ