ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي توقۇمىچىلىقنى يۆلەش ئارقىلىق مۇقىملىققا ئېرىشمەكچى بولدى

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2015-06-27 12:18:10 جەمئى 2899 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي توقۇمىچىلىقنى يۆلەش ئارقىلىق مۇقىملىققا ئېرىشمەكچى بولدى

 

خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا توقۇمىچىلىقنى يۆلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرىلىقى مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋەتكەن دەپ قاراپ ئامال قىلىپ جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتمەكچى بولدى. لېكىن مۇتەخەسىسلەر، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئاساسلىق ئىش ئورۇنلىرىنى ئىگىلىۋېلىشى نارازىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەتكەن دەپ قارىدى.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ 25- ئىيۇندىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مۇقىمسىزلىقنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەسىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇيغۇر رايونىغا بولغان ئېچىشنى كۈچەيمەكچى بولغان. خىتاي چۈشۈرگەن ھۆججەتتە، ئۇيغۇر رايونىدا توقۇمىچىلىقنى قوللاش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كۆرسىتىلگەن. ھۆججەتتە، مىللىي كىيم – كېچەك، مۇسۇلمانلارنىڭ كېيىم – كېچەكلىرى ۋە گىلەم توقۇش، كەشتىچىلىك قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇھىم ۋەزىپە دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدا تەخمىنەن 200 مىڭدەك كىشى توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشقا ئورۇنلاشقان. ئۇيغۇر رايونىنىڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى خىتايدىكى پۈتۈن پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىكەن، بۇنىڭ كۆپىنچىسى خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن بىڭتۈەندىن چىقىدىكەن.

خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىتىكى ماھىيەتلىك مەسىلىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى، نىفىت، تەبئىي گاز ۋە باشقا سانائەت تۈرلىرىدىكى كەسىپلەردە، چوڭ شەھەرلەردە يەنىلا كۆچمەن خىتايلار ئاساسلىق ئىش ئورنىنى ئىگەللەپ كەلمەكتە.

يەنە كېلىپ، پائالىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارىتىلغان يۇقىرى بېسىملىق سىياسەتلىرىنىڭ مۇقىمسىزلىقنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ كەلگەن بولسىمۇ، خىتاي بۇنڭغا پەرۋا قىلماستىن سىياسەتلىرىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ كەلدى.

مەسئۇد


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ