ھەپتىدە ئەڭ كۆپ ئوقۇلغانلار

بىزنى تەقىپ قىلىڭ

خىتاي تالىبان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

كاتىگورىيە: ئىلمىي ماقالىلەر يېڭلاش تارىخى: 2018-08-07 11:12:38 جەمئى 20552 قېتىم ئوقۇلغان.

خىتاي تالىبان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

خىتاي تالىبان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەركىتىگە قارشى تۇرۇش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.
7- ئاۋغۇست پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە خىتاي تالىبان بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكتىنى چەكلەش ھەققىدە بىر قانچە قېتىم مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.
تالىبان بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى خەۋەرنى پاكىستانلىق بىر ئەمەلدار ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئەمەلدارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي بىلەن تالىبان ئالدىنقى يىللىرى بىر قانچە قېتىم ئۇچراشقان ھەتتا خىتاي تالىباننىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشقا تەكىلىپ قىلغان. خىتاي تالىبان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قاتتىق مەخپى تۇتقان. خىتاي بىلەن تالىباننىڭ مۇناسىۋىتىدە پاكىستان ئەمەلدارلىرى ۋاستىلىك رولىنى ئالغان. خىتاي كۆز بويامچىلىق قىلىپ تالىبان ئەمەلدارلىرىنى توڭگانلارنىڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلدۇرۇپ تالىبانغا يالغاندىن مۇسۇلمانلارغا ياخشى شارائىت ھازىرلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكچى بولغان . خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى »مۇخبىرىنىڭ خىتاي بىلەن تالىباننىڭ سۆھبىتى ھەققىدە سورىغان سۇئاللىرىغا بەرگەن جاۋابىدا خىتاي بىلەن تالىباننىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.
7- ئاۋغۇست داجىيۈن خەۋەرلىرىدىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، خىتاينىڭ تالىبان بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق مەقستى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكىتىنى چەكلەش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.


  • ئىنكاس يوللاش
  • ئىسىم  : 
  • ئىلخەت : 
  • تېكىست : 
ئىنكاسلار
  • بۇ مەزمۇنغا ئائىت ھەرقانداق ئىنكاس يوق

رەسىم ۋە لاھىيە

Copyright © 2014 بارلىق نەشىر ھوقۇقى ئىستىقلال تورىغا مەنسۇپ